ئامېرىكا خىتاينىڭ دېڭىز-ئوكياندىكى زومىگەرلىكىنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا دىپلوماتىيە ئەمەلدارى خىتاينىڭ دېڭىز-ئوكياندىكى ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشىشىدا، زورلاش ۋە تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى دانىيال كىرىتېنبرىنك خىتاينىڭ تەھدىت سېلىش تاكتىكىسى ئىشلىتىپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى باشقا دۆلەتلەرگە قارشى زېمىن داۋاسى قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

دانىيال كرىتېنبرىنك: «خىتاي ھەم خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى، ھەم ئامېرىكىنىڭ شېرىك دۆلەتلىرىگە تەھدىت سالىدىغان مەجبۇرلاش ھەرىكەتلەرنى ئىشقا سالدى. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ ھەرىكەتلەر رايوندا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدۇ» دېگەن.

خىتاي جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆز زېمىنى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ رايوندىكى تالاش-تارتىش فىلىپپىن، ۋىيېتنام، مالايشىيا، تەيۋەن، بىرۇنېي قاتارلىق دۆلەتلەرگە چېتىلغان.

خىتاينىڭ دېڭىزدىكى زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى خىتاينىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز رايونىغا سۇقۇنۇپ كىرگەنىدى ۋە فىلىپپىننىڭ بىر پاراخوتى بىلەن سوقۇلغانىدى. فىلىپپىن تەرەپ تۆت پاراخوت خادىمىنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1248 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2024 12:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق