خىتاي مالىيە مىنىستىرى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىغا ئىشارەت قىلدى

خىتاي مالىيە مىنىستىرى كوممۇنىست پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك كۈن ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 6-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ ئىقتىساد تېمىسىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي مالىيە مىنىستىرى لەن فوئەن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، كومپارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك كۈن كەچۈرۈشى، مالىيە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

لەن فوئەن يەنە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك كۈن كەچۈرۈشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېنىق تەلىپى ئىكەنلىكىنى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق ئىشلارنى ئىقتىسادچىللىق بىلەن بېجىرىشى كېرەكلىكىنى بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەنلىكىنى،  بۇ ۋاقىتلىق ئېھتىياج ئەمەس، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

لەن فوئەن ئاخىرىدا يىغىن، كاماندىروپكا، مۈلۈك تەقسىملەش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجەتنى باشقۇرۇشنى داۋاملىق قاتتىق تىزگىنلەپ، تۈزۈم-بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تېجەشلىك كۈن كەچۈرۈش تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش خامچوتنىڭ چەكلىمىسىنى كۈچەيتىش، زۆرۈر بولمىغان بايرام، مۇنبەر ۋە كۆرگەزمە قاتارلىقلارنى ئىخچاملاشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى پاي بازىرى بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا يېقىنلاشقان بولۇپ، خىتاينىڭ 30 يىللىق ھۆكۈمەت زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان. ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ جازالىنىشى ھەمدە خىتاي رېجىمىنىڭ قاتتىق كونترول قىلىشى سەۋەبلىك، چەت ئەل سودىگەرلىرى خىتايدىكى مەبلىغىنى باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكەشكە باشلىغان. بۇ ئامىللار خىتاي ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، خىتاي ئىقتىسادى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1529 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2024 12:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق