خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن تىبەتكە تۆمۈريولى ياتقۇزۇشنى پىلانلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۈچۈن، قاتناش لىنىيەلىرىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا يەنە خوتەن شەھىرى بىلەن تىبەتنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى پىلانلىغان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 7-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بۇ يىل شەرقىي تۈركىستان بىلەن تىبەت  يول تۈرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئىشلىرىنى باشلايدىكەن. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان بىلەن تىبەتنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈريولىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆلچەش تاماملانغان بولۇپ، تۈرنىڭ قالغان ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى جىددىي ئىشلەنمەكتىكەن. شەرقىي تۈركىستان-تىبەت تۆمۈريولى خوتەن-رىكازې تۆمۈريولى ۋە لاسا-رىكازې تۆمۈريولىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ شەرقىي تۈركىستان بىلەن تىبەتنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش يولى بولۇپ، شىمالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا تىبەتنىڭ رىكازې شەھىرى ۋە لاسا شەھىرىگىچە بارىدىكەن. خىتاينىڭ بۇ پىلانى ئاتالمىش «14-بەش يىللىق زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى تەرەققىيات يىرىك پىلانى»دىكى شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي يەنە شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان-تىبەت تۆمۈريولىدىن باشقا، شەرقىي تۈركىستاندا بۇ يىل يەنە غۇلجا-ئاقسۇ تۆمۈريولى، جىڭ-غۇلجا-قورغاس تۆمۈريولىنىڭ 2-لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ قۇرۇش، پىچان-دۇنخۇاڭ تۆمۈريولى، كۇچا-شايار-ئارال تۆمۈريولى، كۆكتوقاي-تايكەچكەن تۆمۈريولى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ، شەرقىي تۈركىستان ئىچىدىكى ۋە شەرقىي تۈركىستانغا خىتايدىن كىرىپ-چىقىش تۆمۈريوللىرىنىڭ قاتناش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى پىلانلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3726 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2024 18:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق