ماشىڭرۈي شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى «مۇقەررەر يۈزلىنىش» دەپ بىلجىرلىدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، جۈملىدىن ئېغىر دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى مەسىلىسىدە خەلقئارانىڭ ئەندىشىسى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، 7-مارت ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ «مۇقەررەر يۈزلىنىش» ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 7-مارت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خىتاي سىياسىي مەسلىھەت يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ جاۋابىدا: «شىنجاڭدا ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش مۇقەررەر يۈزلىنىش» دەپ بىلجىرلىغان. ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان بۇ جاۋابى خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىنمۇ ئالاھىدە خەۋەر قىلىندى.

خىتاي يىللاردىن بېرى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش» دېگەن باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ماشىڭرۈي بۇ قېتىم  سۆزىدە يەنە: «شىنجاڭدىكى ئۈچ خىل رەزىل كۈچ يەنىلا ئىنتايىن ئاكتىپ ھالەتتە تۇرماقتا، ئەمما ئۇلار شىنجاڭنى ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى توسۇپ قالالمايدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي رېجىمى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانى بويىچە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئالاقىدار بارلىق ئىبادەت ھەمدە پائالىيەتلەرنى قاتتىق چەكلەپ، نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنى قاتتىق جازالىغان. خىتاينىڭ ئىشغالىيەت سىياسىتى بىلەن قارشىلىشىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش يېڭى قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىپ مەجبۇرىي ئىجرا قىلغانىدى. جۈملىدىن 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلغان. خىتاي مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىتنى چېقىۋەتكەن ياكى بۇزۇۋەتكەن، ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر قاۋاقخانا، چايخانا دېگەندەك باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلگەن.

خىتاي يەنە بۇلتۇر 8-ئايدا مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، قۇرئاننى قايتىدىن تەرجىمە قىلىش، قۇرئاننى كۇڭزى ئىدىيەسى بىلەن شەرھلەپ، سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق رەزىل پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4168 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2024 18:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق