ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە خىتاي ئۆزەكلىرىنىڭ خەتىرىنى تەكشۈرمەكچى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدا ياسالغان ئۆزەكلەرنىڭ خەتىرىگە قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىۋاتقان بىر پەيتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئامېرىكا بىلەن بۇ جەھەتتە ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى ئويلاشماقتىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 18-مارت خەۋەر قىلىشىچە، بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى كۆزدىن كەچۈرگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر خىزمەت باياناتى لايىھەسىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق سىياسەت ئۇچۇرلىرى ۋە ئۇسۇللىرى ھەققىدىكى مەخپىي بولمىغان مەلۇماتلارنى ۋە بازار ئۇچۇرلىرىنى توپلايدىغانلىقى ۋە ئورتاقلىشىدىغانلىقى ھەمدە پىلانلانغان ھەرىكەتلەر توغرىسىدا كېڭىشىشكە ۋەدە بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

مەزكۇر لايىھە تېخى رەسمىي پۈتمىگەن بولۇپ، 4-ئايدا بېلگىيەدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئامېرىكا-ياۋروپا سودا-سانائەت كومىتېتى يىغىنىدا ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى تاپشۇرۇلىدىكەن. ئىككى تەرەپ ئورتاق ياكى ھەمكارلىق تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ياسالغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچنىڭ يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىگە بولغان سەلبىي تەسىرىنى ھەل قىلىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ياسالغان ئۆزەك دۇنيا ئىقتىسادىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي تەمىنلەشنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك زاۋۇتلارغا كۆپلەپ مەبلەغ سالغان. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى بازارنى قالايمىقان قىلىش ياكى ئېغىر دەرىجىدە خىتايغا بېقىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مەسىلىسى ھەققىدە ئەندىشە پەيدا بولغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر لايىھەسى كېلەر ئاي ئامېرىكا-ياۋروپا سودا-سانائەت كومىتېتى ئۈچۈن پىلانلانغان بىر قانچە كۈنتەرتىپنىڭ بىرى ئىكەن. يىغىننىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى بالدۇر بايقاش مېخانىزمى ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتىدە ئۇچۇر ئورتاقلىشىش مېخانىزمى توغرىسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنە ئۈچ يىل ئۇزارتىدىكەن.

بۇ قېتىم ئامېرىكا-ياۋروپا سودا-سانائەت كومىتېتى يىغىنىنىڭ باشقا قىسمىدا، ئىككى تەرەپ يەنە سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىلىرىنىڭ خەتىرىنى باھالاش، G6 سىمسىز خەۋەرلىشىش سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بىيوتېخنىكا قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنىكىلارنىڭ ئۆلچىمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھەمكارلىشىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 1522 قېتىم كۆرۈلدى
19/03/2024 13:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق