قوشنا دۆلەتلەر خىتايغا قارشى جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھ تورى قۇرۇشنى تېزلەتتى

خىتايغا قوشنا دۆلەتلەر خىتاي ۋە شىمالىي كورىيەنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھ تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 19-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئاسىيا دۆلەتلىرى سۈنئىي ھەمراھ تورىنى كېڭەيتىپ، رايوندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتكەن. بۇ خىل رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھى 500 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىن يەر شارائىتىنى كۆزىتىدىغان بولۇپ، ئەسكەرلەرنىڭ ھەرىكىتىدىن تارتىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشكىچە بولغان ھەممە ھەرىكەتلەرنى بايقىيالايدىكەن. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق توپلانغان ئۇچۇرلار ھەربىي توقۇنۇشلاردا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۈشمەنلىرىنى توغرا نىشانلىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسى شىركىتى SpaceX ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن تۈزگەن مەخپىي توختامغا ئاساسەن، نەچچە يۈزلىگەن جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىدىن تەشكىل تاپقان تور قۇرغان. ئەگەر بۇ پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئارمىيەسىنىڭ دۇنيادىكى يوشۇرۇن نىشانلارنى تېزدىن بايقاش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدىكەن. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ھەربىي ۋە ئورگان تاراتقۇلىرى ئامېرىكىنى يەر شارى بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالدى، دەپ ئەيىبلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھ تورىنىمۇ كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدا زور كۆلەمدە مەبلەغ سېلىپ، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش جەريانىدا SpaceX شىركىتىنىڭ يۇلتۇز زەنجىرىنىڭ (Starlink) يەر شارىغا يېقىن ئوربىتىلىق سۈنئىي ھەمراھ توپىنى تەتقىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، شەرقىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئالەم بوشلۇقىدا كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھى رىقابىتىگە چۈشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1398 قېتىم كۆرۈلدى
20/03/2024 17:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق