پاكىستاننىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ئافغانىستاننى بومباردىمان قىلدى

پاكىستان 18-مارت ئۆز ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا ئىگىلىگەن ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، چېگرا ھالقىغان ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى، يۈزلىگەن پۇقرا ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ئۆلتۈرگەن تېررورچىلارنى جازالىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى بىلەن ئىتتىپاقى بولغان، قېچىپ كەتكەن قوماندانلارنى نىشانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتى شەرقىي جەنۇب چېگراسىدىكى پاكتىكا ۋە خوست ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنى ئەيىبلەپ، ھۇجۇمدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن بولغان سەككىز پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: «بىز ئافغانىستان دائىرىلىرىنى كونكرېت ۋە ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قوللىنىپ، ئافغانىستان تۇپرىقىنىڭ پاكىستانغا قارشى تېررورلۇقنىڭ سەھنىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق. بىز يەنە ئۇلارنى پاكىستان تالىبانلىرىنى بىخەتەر پاناھ جاي بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى پاكىستان ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە چاقىردۇق» دېگەن.

تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى زابىھۇللاھ مۇجاھىد پاكىستانغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، پاكىستاننىڭ بۇ خىل بىپەرۋا ھەرىكەتلىرىنىڭ ئافغانىستان زېمىنىغا ھۇجۇم قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مۇجاھىد باياناتىدا قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ ئافغانىستان تۇپرىقىدىن پايدىلىنىپ، پاكىستانغا ياكى باشقا دۆلەتلەرگە قارشى چىقىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلغان.

ئۇ يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ: «پاكىستان ئۆز زېمىنىدىكى كونتروللۇقنىڭ يېتەرسىزلىكى، ئىقتىدارسىزلىقى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان مەسىلىسىنى ئافغانىستانغا دۆڭگىدى. بۇنداق ۋەقەلەر ئىنتايىن ناچار ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولۇپ، ئەھۋال ئېغىر بولغاندا ۋەزىيەت پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتىدۇ» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1790 قېتىم كۆرۈلدى
20/03/2024 18:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق