ئامېرىكا خىتاينىڭ فىلىپپىنغا قاراتقان ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا خىتاينىڭ دېڭىزدىكى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، فىلىپپىننىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىلۇمبېرگ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 19-مارت فىلىپپىننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، زىيارىتى جەريانىدا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغان.

بىلىنكېن خىتايغا قاراتقان تەنقىد سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىنغا بەرگەن بىخەتەرلىك ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ فىلىپپىن بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان دېڭىزدىكى ھەرىكىتىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ، دېگەن.

بىلىنكېن 1951-يىلىدىكى ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسىنى قايتا ئەسكەرتىپ، فىلىپپىن ئارمىيەسى، پاراخوتلىرى ياكى ئايروپىلانلىرى جەنۇبىي دېڭىزدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تەقدىردە، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىننى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

فىلىپپىن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئالاھىدە كۈچەيگەن بولۇپ، جەنۇبىي دېڭىزدا ئىككى تەرەپنىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتكەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1697 قېتىم كۆرۈلدى
20/03/2024 18:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق