خىتاي يېڭى قانۇن ماددىسى بىلەن خوڭكوڭنى تېخىمۇ قاتتىق ئىسكەنجىگە ئالدى

خىتاي خوڭكوڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ 23-ماددىسىنى ماقۇللىتىش ئارقىلىق، خوڭكوڭ خەلقىگە قاراتقان ئىسكەنجىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 19-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭ قانۇن كېڭىشى نېگىزلىك قانۇننىڭ 23-ماددىسىنى قارشىلىقسىز ماقۇللىغان بولۇپ، ئالاقىدار بەلگىلىمە 2020-يىلى 6-ئايدا يولغا قويۇلغان خوڭكوڭ نۇسخىسىدىكى ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»غا كىرگۈزۈلگەن. خىتاي رېجىمى بۇ ئارقىلىق ئۆكتىچىلەرنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشنى پىلانلىغان. تاراتقۇلار 19-مارتتىكى ئاۋازغا قويۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي رېجىمى خوڭكوڭغا قاراتقان سىياسىي قامالنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، قانۇن كېڭىشى ئەزالىرى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئائىت كەڭ كۆلەملىك قانۇنلارنى بىردەك ماقۇللاپ، خوڭكوڭنى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان يېڭى قانۇن دەۋرىگە ئېلىپ كەلگەن. بۇ خىتاي رېجىمىنىڭ خوڭكوڭغا قاراتقان سىياسەتلەرنى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى سىياسەتلىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىگە كەلتۈرۈش ئۇرۇنۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن.

23-ماددىغا «قاراپ چىقىش» سۈرئىتى دەرىجىدىن تاشقىرى تېز بولغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى 8-مارت قانۇن كېڭىشىگە سۇنۇلغاندىن تارتىپ 19-مارت ماقۇللانغانغا قەدەر پەقەت 11 كۈنلا ۋاقىت كەتكەن. خوڭكوڭنىڭ باش مەمۇرىي ئەمەلدارى لى جياچاۋ ھەتتا بېيجىڭدىكى يىغىنغا قاتنىشىش مۇددىتىنى قىسقارتىپ، 5-مارت خوڭكوڭغا قايتىپ كېلىپ قانۇن چىقىرىش باسقۇچىنى تېزلەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نېگىزلىك قانۇننىڭ 23-ماددىسىدا خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ قانۇن چىقىرىپ، ئاتالمىش «دۆلەتكە خىيانەت قىلىش، ئاغدۇرۇش، جاسۇسلۇق قىلىش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، توپىلاڭ كۆتۈرۈش ۋە چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشى» قاتارلىق جىنايەتلەرنى قاتتىق جازالاش تەلەپ قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن ماددىسى ئىلگىرى ئۇزۇن مۇددەت توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، 2003-يىلى كەڭ كۆلەملىك نامايىش سەۋەبلىك، خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى چىقىرىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى مەغلۇپ بولغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1664 قېتىم كۆرۈلدى
21/03/2024 12:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق