ھىندىستان بىلەن بۇتان خىتايغا قارشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى

ھىندىستان بىلەن بۇتاننىڭ رەھبەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۆزئارا زىيارەت قىلىشىپ، چېگرا مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى ھەمكارلىق ئورناتماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 20-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بۇ ھەپتە بۇتاننى زىيارەت قىلىدىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ كۆپلىگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن ئىكەن. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بۇتان باش مىنىستىرى شېرىڭ توبگېيمۇ ھىندىستاندا بەش كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان بولۇپ، بۇتان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا سۆھبىتىنى تېزلىتىش مەسىلىسى مۇھىم كۈنتەرتىپ بولغان.

شېرىڭ توبگېي بۇ يىل 1-ئايدا ئىككىنچى قېتىم باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ھىندىستاننى زىيارەت قىلغان. كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ خىتاي بىلەن بۇتاننىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چېگرا ماجىراسىنى تېزدىن ھەل قىلىشتا ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، بۇتان بىلەن خىتاينىڭ چېگرا ماجىراسىنى قانداق ھەل قىلىشى ھىندىستاننىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بۇتاننىڭ يېقىندا بېيجىڭدا ئاخىرلاشقان 25-نۆۋەتلىك چېگرا سۆھبىتىگە دىققەت قىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ سۆھبەتتە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، تالاش-تارتىشتىكى چېگرانى ئايرىش ۋەزىپىسىگە بىرلەشمە تېخنىكا گۇرۇپپىسى مەسئۇل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

شېرىڭ توبگېي 14-مارتتىن 18-مارتقىچە بولغان بەش كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا ھىندىستان پىرېزىدېنتى مۇرمۇ بىلەن كۆرۈشكەن ۋە باش مىنىستىر نارېندرا مودى بىلەن كەڭ دائىرىدە سۆھبەتلەشكەن.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراھمانيام جايشانكار بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇتان باش مىنىستىرىنىڭ زىيارىتى ھەر ئىككى تەرەپكە ئۆزگىچە ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە ھىندىستان بىلەن بۇتان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق رىشتىسىنى كېڭەيتىشنىڭ يوللىرى ۋە ۋاسىتىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1708 قېتىم كۆرۈلدى
21/03/2024 12:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق