خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىدىكى يادرولۇق رايوندا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىدىكى مۇھىم تۈگۈنلەرنىڭ بىرى بولغان گىۋادار شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، ھۇجۇمدا ئالتە كىشى ئۆلگەن.

پاكىستان دائىرىلىرى 20-مارت بىر تۈركۈم ئېغىر تىپتىكى قوراللار بىلەن قوراللانغان «تېررورچىلار»نىڭ پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى گىۋادارنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدا كۆپىنچىسى بىخەتەرلىك خادىمى بولغان ئالتە كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ئەمەلدارى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى دەلىللىگەن. مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ ئامېرىكا ئاۋازىغا ئېيتىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن  كېيىن  پاكىستان قىسىملىرى كەسكىن قوراللىق ئېتىشىشتا، ھۇجۇم قىلغۇچى سەككىز كىشىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگەن.

پاكىستان ئارمىيەسى كېيىن ئېلان قىلغان رەسمىي باياناتىدا ئىككى ئەسكەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇمدا قازا قىلغانلىقىنى،  ئۆلتۈرۈلگەن ھۇجۇمچىلارنىڭ يېنىدىن نۇرغۇن قورال، ئوق-دورا ۋە پارتلاتقۇچ دورا قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پاكىستان بىخەتەرلىك خادىمى ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىغا: «ھۇجۇم ماشىنا بومبا بىلەن باشلاندى، ئەمما ماشىنا بومبا پارتلىمىدى. ئارقىدىن قوراللىق ئۇنسۇرلار بىناغا قول بومبىسى، راكېتامىيوت ۋە ئاپتومات قاتارلىق قوراللار بىلەن بىناغا ھۇجۇم قىلدى. ئەمما قايتۇرما ھۇجۇمدا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن.

ۋەقەدىن كېيىن بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن گىۋادار شەھەرلىك پورت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىناسىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ تەشكىلات مۇخبىرغا بەرگەن يازما باياناتىدا ھۇجۇمنىڭ ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ئەترىتى بولغان «مەجىد بىرىگادىسى» ئەزالىرى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلغان، ئەمما تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغان.

پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بەلۇجىستان ئۆلكىسىدىكى گىۋادار پورتى چوڭقۇر دېڭىز پورتى بولۇپ، مۇھىم نېفىت توشۇش لىنىيەسى بولغان ھورمۇز بوغۇزىغا يېقىن ئىكەن. خىتاي مەزكۇر پورتنىڭ 40 يىللىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىۋالغان بولۇپ، نەچچە مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ يادروسى بولغان گىۋادار پورتىنى قۇرۇش ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا زور مەبلەغ ئاجراتقان.

بۇلتۇر ئاۋغۇست ئېيىدا گىۋادار پورتىدا خىتاي ئىنژېنېرلىرىغا قارىتىلغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەرگەن بولۇپ، ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئوخشاشلا بەلۇجىستان قوراللىق قىسىملىرى ئىدى. ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا كەم دېگەندە توققۇز پاكىستان ساقچىسى ۋە تۆت خىتاينىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، خىتاي رېجىمى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى رەت قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2167 قېتىم كۆرۈلدى
21/03/2024 13:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق