ئامېرىكا ئارۇناچال ئىشتاتىنىڭ ھىندىستان زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

ئامېرىكا ئارۇناچال ئىشتاتىنى ھىندىستاننىڭ زېمىنى، دەپ ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 20-مارت ئارۇناچال ئىشتاتىنى ھىندىستاننىڭ بىر قىسمى، دەپ ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ھىندىستان بىلەن خىتاي چېگرالىنىدىغان مەزكۇر تېررىتورىيەدە بىر تەرەپلىمە زېمىن داۋاسى قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئارۇناچالنى ھىندىستان زېمىنى دەپ ئېتىراپ قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋېدانت پاتېل 20-مارت ئامېرىكىنىڭ ئارۇناچال ئىشتاتىنى ھىندىستان زېمىنى دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىش قايتا كۈچىيىشكە باشلىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ چېگراسىنىڭ ئەزەلدىن بېكىتىلمىگەنلىكىنى، ئارۇناچالنىڭ (خىتاي «جەنۇبىي تىبەت» دەپ ئاتايدۇ) ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال ئىشتاتى دەپ ئاتىلىدىغان تېررىتورىيەسىنى تىبەتنىڭ بىر قىسىمى دەپ كەلگەن بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ھىندىستاننىڭ بۇ رايوندىكى ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىگىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەنىدى.

خىتاي يەنە ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئارۇناچال ئىشتاتىنى زىيارەت قىلىشىغا قارشى تۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ئۆتكەن بىر يىلدا مەزكۇر رايوندىكى جىددىيچىلىك كۈچەيگەنىدى. بۇلتۇر ئاۋغۇست ئېيىدا خىتاي يېڭى دۆلەت خەرىتىسىنى ئېلان قىلىپ، ئارۇناچال ئىشتاتىنى خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ كۆرسەتكەندە، ھىندىستان خىتايغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى. بۇلتۇر 4-ئايدا خىتاي يەنە مەزكۇر ئىشتاتتىكى دەريا ۋە تاغ چوققىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 ئورۇننىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1722 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2024 16:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق