خىتاي ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش» نامىدا ئاققۇنلارنى كۆپلەپ يەرلەشتۈرمەكتە

خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش» نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش سالمىقىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 20-مارتتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەخسۇس خىزمەت ئۆمىكى تەشكىللىنىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلگەن. مەزكۇر ئۆمەكلەر ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى خىتايلارنى «ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش» نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشكە تەشۋىق قىلغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى 77 ئىش ئورنى ئاجرىتىپ، خىتاي ئالىي مەكتەپلىرىدىن ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلار»نى ئاقسۇغا كۆچۈرۈپ كەلگەن. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنۋېرىستېتىدىنلا توردا تىزىملاتقان پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ماگىستىر ئاسپىرانتلار 600 دىن ئاشقان. ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئاسى بارلار يېقىندا ئاقسۇغا كېلىپ سىناق ئىش ئورنىغا چىقىدىكەن. ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇلتۇر 1000 ماگىستىر، دوكتور كىرگۈزۈش پىلانى بويىچە، ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خىتايلاردىن 204 نى ئاقسۇغا كۆچۈرۈپ كەلگەن.

خەۋەردە يەنە قۇمۇل شەھىرىنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي مەكتەپلىرىدىن خىزمەتچى كۆچۈرۈپ كېلىش خىزمىتىنىڭ 11-مارت باشلانغانلىقى، مەخسۇس تەشكىللەنگەن خىزمەتچى كۆچۈرۈپ كېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا خىتاينىڭ شەندۇڭ، خېنەن، شەنشى، سىچۇەن، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىكى 33 نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە بېرىپ نەق مەيداندا خىزمەتچى تەكلىپ قىلغانلىقى، بۇ قېتىم جەمئىي 43 كارخانا، كەسپىي ئورۇندىكى 93 ئىش ئورنىغا 202 ئاتالمىش «ئىختىساسلىق خادىم»نى كۆچۈرۈپ كەلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

قۇمۇل شەھىرى 2023-يىلى ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش لايىھەسى»نى تۈزۈپ يولغا قويغان بولۇپ، 500 مىليون يۈەن ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلار» تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلغان. بۇ مەبلەغ ئارقىلىق ئون تۈرلۈك «نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، قۇمۇلغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرگەن.

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر ۋە ئوبلاستلارنىڭ ھەرخىل ناملاردا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلغان.

يېقىنقى يىللاردا خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئالدى بىلەن يېزا-كەنتلەردىكى دېھقانلارنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن تېرىلغۇ يەرلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىشكە مەجبۇرلىغان. ئاندىن يەرلىرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى «ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشقا شارائىت ھازىرلىغان. ئارقىدىن ھەر خىل ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، سۈرگۈن قىلىش، قىرغىن قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى تولۇق يۇتۇۋېلىش، پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئالاھىدە يۇقىرى تەمىناتلار، تۈرلۈك ناملار بىلەن خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىش ھەرىكىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3685 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2024 17:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق