خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئۆزەك شىركىتى نىشانماقتا

ئامېرىكا ئەمەلدارى خىتاينىڭ جۇڭشىن شىركىتى خۇاۋېي ئۈچۈن ئىشلەپچىقارغان ئۆزەكنىڭ ئامېرىكا قانۇنىغا خىلاپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 22-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى جۇڭشىن خەلقئارا شىركىتى (SMIC) خىتاي تېلېگراف ماگناتى خۇاۋېي ئۈچۈن ياسىغان يەتتە نانومېتىرلىق ئىلغار ئۆزەكنىڭ ئامېرىكا قانۇنىغا خىلاپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ خەۋەر 22-مارت خوڭكوڭنىڭ ئاكسىيە بازىرىدا جۇڭشىن شىركىتىنىڭ پاي باھاسىنىڭ %5.5 چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئالان ئېستېۋېز پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنتتىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا جۇڭشىن خەلقئارا شىركىتىنىڭ خۇاۋېي ئۈچۈن يەتتە نانومېتىرلىق ئۆزەك ياساپ بېرىشىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت كونتروللۇقىغا خىلاپلىق قىلغان-قىلمىغانلىقى ھەققىدە سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «بۇنىڭ مۇمكىنچىلىك بار، بىز باھالىشىمىز كېرەك» دېگەن.

ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا يەنە جۇڭشىن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشتا ئامېرىكا ئۈسكۈنىلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكى ھەققىدە سوئال تاشلانغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا سۈنئىي ئىدراك ساھەسىدىكى مۇھىم تېخنىكىلارنىڭ خىتايغا سېتىلىشىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، خۇاۋېي كۆپ يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تېخنىكا تىركىشىشىنىڭ مەركىزى بولۇپ كەلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاگاھلاندۇرۇپ، خۇاۋېينىڭ تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دۆلەت جاسۇسلۇقىغا ئىشلىتىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق خۇاۋېي بۇنى رەت قىلغان. ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا خۇاۋېي شىركىتى جۇڭشىن شىركىتى ئىشلەپچىقارغان، G5 ئۆزىكى سەپلەنگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون Mate 60 Pro نى بازارغا سالغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا بەرداشلىق بېرەلىگەنلىكى ھەققىدە جار سالغان.

بۇ يانفوننىڭ ئېلان قىلىنىشى ئامېرىكنىڭ خىتاينى توسۇش تىرىشچانلىقىنىڭ ئۈنۈمى توغرىسىدا مۇنازىرە قوزغىغان. شۇنداقلا بايدېن ھۆكۈمىتىدىن خىتاي ئىشلەتكەن تېخنىكىنى تەكشۈرۈش، ئۆزەكنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئىگىلەش تەلەپ قىلىنغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1610 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2024 15:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق