خىتاي ب د ت دا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى

خىتاي جەنۋەدە مەخسۇس لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مەسىلىسىدە خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 55-نۆۋەتلىك يىغىنى مەزگىلىدە، يەنى 18-مارت خىتاينىڭ ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى» شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش: شىزاڭ ۋە شىنجاڭ ئەمەلىيىتى» تېمىسىدا لېكسىيە يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

يىغىنغا خىتاي تىبەتشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزى تارىخ تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى لياڭ جۈنيەن سۆز قىلىپ: «شىزاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىزاڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى يېقىنقى زامان جاھانگىرلىكىنىڭ خىتايغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنىڭ مەھسۇلى» دەپ بىلجىرلىغان.

يىغىندا سۆز قىلغان غەربىي شىمال سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى تاشقى تارقىتىش ۋە مەدەنىيەت بىخەتەرلىكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى چياۋ باشېڭ: «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئىناق ئۆتۈپ، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ، ھەقىقىي كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولدى» دەپ بىلجىرلىغان.

ئاخىرىدا سۆز قىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات ۋە تارقىتىش ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى تۇرسۇن ئەبەي بىلجىرلاپ: «غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى نىقاب قىلىپ، رايوندا مەجبۇرىي ئىشسىزلىق ۋە مەجبۇرىي نامراتلىقنى پەيدا قىلدى» دېگەن.

ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەرنى پارچىلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىش، مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماشنى زور دەرىجىدە كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا.

خىتاي بۇنىڭدىن بۇرۇن ھاشار سىياسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تەۋەلىكىدە مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلىپ، يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئىجرا قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستان خەلقى سىياسىي ئۆگىنىش قاتارلىق باھانىلەر بىلەن روھىي جەھەتتىن باستۇرۇلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھاشار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكلەر بىلەن جىسمانىي جەھەتتىن خورلانماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئېچىنىشلىق داۋام قىلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بىر قىسىم شىركەت ۋە ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، بىر تۈركۈم خىتاي شىركەتلىرى ئېمبارگو سەۋەبلىك ۋەيران بولغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك خىتاي جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يالغان تەشۋىقاتلارنى داۋاملىق كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1743 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2024 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق