ئامېرىكا ئارمىيەسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا يېڭى قورال سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرماقچى

ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە يېڭى تىپتىكى ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگۈچنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتايغا قارىتا تەھدىتنى كۈچەيتىشنى پىلانلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 4-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەگەر ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرسا، بۇ ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋانىڭ 1987-يىلى ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو كۈچى شەرتنامىسى تۈزگەندىن بۇيانقى تۇنجى ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ قالىدىكەن.

ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى تىنچ ئوكيان رايونى قوماندانى چارلېز فىلېن بۇ ھەقتە زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سىستېمىسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر سىستېما ئامېرىكا ئارمىيەسى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتقان قۇرۇقلۇقنى ئاساس قىلغان «تەيفېڭ بورىنى» سىستېمىسى دەپ قارالماقتا.

مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئارقىلىق 1600 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان جەڭ پالتىسى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە SM-6 ھاۋا مۇداپىئەسى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى قويۇپ بېرەلەيدىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمەت مەنبەلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ياپونىيە يېڭى قورال ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان نامزات جايلارنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما بۇ سىستېما گۇئام ئارىلىنى ئاساس قىلىشى ۋە ۋاقىتلىق ياپونىيەگە كۆچۈرۈلۈپ مەشىقلەندۈرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى: «ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى ئورنىتىشى خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارى پەرقىنى كىچىكلىتىدۇ ۋە تەھدىتنى كۈچەيتىدۇ» دېگەن. ئەمما بۇ ھەرىكەت باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى كېڭەيتىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە قورال-ياراغ مۇسابىقىسىنى قوزغىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

چارشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان چارلېز فىلېن يەنە خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي ئارمىيەسى ئالاقىدار ئىقتىدارلارنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، خىتاي ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىش ۋە ھەربىي ۋاسىتە قوللىنىش جەھەتتە خىتاينىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تېخىمۇ ئېشىۋاتىدۇ» دېگەن.

چارلېس فىلېننىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا كەلگۈسىدە ياپونىيە، فىلىپپىن، ئاۋسترالىيە ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان بىرلەشمە مەشىق ۋە دۆلەت ھالقىغان بىرلەشمە ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشلىرىنى توسىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1584 قېتىم كۆرۈلدى
05/04/2024 22:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق