ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە فىلىپپىن خىتايغا قارشى ھەمكارلاشماقچى

ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە فىلىپپىن ئۆزەكلەرنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى ھەمكارلىشىشنى پىلانلىدى.

نىككې ئاسىيا تورىنىڭ 4-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە فىلىپپىن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، رەقەملىك ئالاقە تورى، پاكىز ئېنېرگىيە ۋە ھالقىلىق مىنېرال ماددىلار قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردە ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىق تۈرىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۈچ دۆلەت 11-ئاپرېل ۋاشىنگتوندا ئۈچ تەرەپ يىغىنى چاقىرىپ، رايون خاراكتېرلىك خىرىسلارنى باھالاش قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. ئۈچ تەرەپ يەنە توكلۇق ماشىنا باتارېيەسىنىڭ مۇھىم مېتالى بولغان نىكېلنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەمكارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى تاللاشقا مەجبۇرلاپ، بۇلغانغان ماددىلارنى قويۇپ بېرىشنى نۆلگە چۈشۈرۈش قاتارلىق دۇنياۋى مۇھىم نىشانلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى جاھىل مەيدانىغا قارشى تۇرۇش ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1646 قېتىم كۆرۈلدى
05/04/2024 22:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق