خىتاي ئىنتېرنېت تورىنى كونترول قىلىش سىياسىتىنى كۈچەيتمەكتە

خىتاي رېجىمى ئىنتېرنېت تورىدىكى قاتتىق باشقۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ۋاسىتە تاللىماستىن خەلقنىڭ ئېڭىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 4-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ يىللىق تور ئاخبارات مۇنبىرى ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا يۈننەننىڭ كۇنمىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا تاراتقۇلارنىڭ توردىكى ئاممىۋى ئېقىمغا ئەگىشىشى، سۈنئىي ئىدراك قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىشى، ھەمدە «خىتاي ھېكايىلىرى»نى ياخشى سۆزلەشى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان.

2024-يىللىق تور ئاخبارات مۇنبىرى 30-مارتتىن 31-مارتقىچە يۈننەننىڭ كۇنمىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تور ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە يۈننەن دائىرىلىرى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان بۇ مۇنبەرگە خىتاي مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى، ئالاقىدار تاراتقۇلار، تور چولپانلىرى، تور شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.

بۇ جەرياندا ھەر خىل ئاتالمىش ​​ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك مەزمۇنلارنى ئورتاقلىشىش يىغىنى، «تور دۇنياسىدا ئاممىۋى ئېقىمغا ئەگىشىش»نى باش تېما قىلغان پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن. مۇنبەردە سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق خىتاينىڭ ئوبرازىنى ياخشىلايدىغان مەزمۇنلارنى تارقىتىش ۋە كېڭەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىلىشىچە، خىتاي رېجىمىنىڭ مەركەزلەشتۈرۈلگەن تاراتقۇلىرى ئۆزلىرىگە پايدىلىق ياكى يالغان ئۇچۇرلارنى تېزلىكتە تەييارلاش ۋە ئوخشىمىغان سۇپىلاردا تارقىتىشىغا، ئاۋام پىكىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا پايدىلىق ئىكەن. خىتاي رېجىمى مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، تاراتقۇلاردا نازارەت قىلىش ۋە جامائەت پىكىرىنى يېتەكلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل قوشۇمچە كونترول ۋاسىتىسى قوللانغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1821 قېتىم كۆرۈلدى
05/04/2024 22:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق