ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ئىككىنچى قېتىملىق خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېلېن بۇ ھەپتە خىتاي زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېھتىياجدىن زىيادە ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېلېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى ئىككىنچى قېتىملىق خىتاي زىيارىتى ئۈچۈن، 4-ئاپرېل خىتاينىڭ جەنۇبتىكى ئىقتىسادىي مەركىزى گۇاڭجۇغا يېتىپ بارغان. ئۇ زىيارىتىدە خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا يەنە خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى زىيادە ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى، خەلقئارانىڭ بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى زور مىقداردا تولۇقلىما پۇلى بىلەن تەمىنلىشى ۋە دۆلەت ئىچى ئېھتىياجىنىڭ ئاجىز بولۇشى سەۋەبىدىن، توكلۇق ماشىنا، باتارېيە، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە باشقا تۈرلۈك مەھسۇلاتلار بىلەن دۇنيا بازارلىرىنى كۆمۈۋەتكەن. نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنىڭ يەرشارىدىكى باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا زور بېسىم ئېلىپ كەلگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئالىي ئەمەلدارى خىتاينىڭ مۇھىم ساھەدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ: «بىز كۆپلىگەن شىركەتلەرنىڭ زىيان تارتىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. ئۇلار مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرى ھەققىدە ئويلىشىشقا مەجبۇر بولماقتا» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، جانېت يېلېن 5-ئاپرېلدىن 8-ئاپرېلغىچە خىتاينىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىقتىسادىي ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىدىغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنىڭ خىتايغا پايدىسىز ئىكەنلىكى، نۆۋەتتە ئامېرىكا، ياۋروپا، ياپونىيە، مېكسىكا ۋە باشقا ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەردە بۇ توغرۇلۇق ئەندىشە ۋە تەنقىدلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكى توغرىسىدىكى پىكرىنى يەتكۈزۈشكە تىرىشىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1736 قېتىم كۆرۈلدى
06/04/2024 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق