خىتاينىڭ بىنورمال يادرو ئېنېرگىيە تەرەققىياتى بىخەتەرلىك خەۋپى پەيدا قىلماقتا

خىتاي رېجىمى يادرو ئېلېكتىر تەرەققىياتىنى تېزلىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇچۇرلارنىڭ ئېنىقسىزلىقى، باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلار قاتارلىق سەۋەبلەر بىخەتەرلىك خەۋپى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 5-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدىن ئېشىپ ئەڭ چوڭ يادرو ئېنېرگىيەسى دۆلىتىگە ئايلىنىشنى نىشان قىلغان. ھالبۇكى، مۇتەخەسسىسلەر زىيادە تېز كۆلەملەشتۈرۈشنىڭ بىخەتەرلىك ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يوچۇق پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ ھوقۇقنى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرگەن سىياسىي مۇھىتى ۋە ئۇچۇرلارنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقى سەۋەبلىك، بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشقان-توشمىغانلىقىنى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ مۇستەقىللىق دەرىجىسىنى بىلىش خەلقئاراغا نىسبەتەن قىيىن بولىدىكەن. بۇ ئامىللار يادرو ئېنېرگىيەسى بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە يوشۇرۇن ئەندىشە پەيدا قىلىدىكەن.

ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا بوئاۋ مۇنبىرىدە خىتاينىڭ باش يادرو ئېلېكتىر گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى كاربونسىزلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار يىغىندا خىتاي ئورناتقان يادرو ئېلېكتىرنىڭ 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ يىل ئامېرىكىدىن چوقۇم ئېشىپ چۈشۈپ، دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ يادرو ئېلېكتىر دۆلىتىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ يىل مارت ئېيىدا خىتاي يادرو ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ دىرېكتورى لۇ تيېجۇڭ تاراتقۇلارغا خىتاينىڭ كەلگۈسىدە ھەر يىلى ئونغا يېقىن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەستىقلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 2022-ۋە 2023-يىلى خىتاي رېجىمى يىلىغا يېڭىدىن ئون يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشنى تەستىقلىغان. نۆۋەتتە خىتايدا 26 يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ سان ھېسابلىنىدىكەن. دۇنيادىكى 16 دۆلەت يېڭى يادرو رېئاكتورى ياساۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي ئومۇمىي ساننىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىكەن. نۆۋەتتە خىتايدا قۇرۇلۇۋاتقان ۋە ئىشلىتىلىۋاتقان 20 يادرو ئېلېكتىر بازىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېڭىز بويىغا جايلاشقان. خىتايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن 55 يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئامېرىكىدا 93 ى بار ئىكەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يادرو ئېلېكتىر تەرەققىياتىنى تېزلەتكەن بولۇپ، بۇ تىز سۈرئەتتە كېڭىيىش بەك تېز بولۇپ كېتىپ، بىخەتەرلىك ۋە ئۆلچەملىك نازارەتنىڭ بار-يوقلۇقى ئەندىشە پەيدا قىلغان. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە يۇقىرى تەلەپ قويغانلىقى ئۈچۈن، 93 يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ياساشقا ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ بولسا خەۋپكە قارىماستىن، پەقەت تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىشكىلا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1923 قېتىم كۆرۈلدى
06/04/2024 14:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق