خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا ھەممىنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى

خىتاي 7-ئاپرېل ئامېرىكا، فىلىپپىن، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزنى چارلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 7-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت يېقىنقى ئايلاردا مىسلى كۆرۈلمىگەن سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەزكۇر رايوندا ئىگىلىك ھوقۇقى تالىشىش ھەرىكەتلىرى كۈنسېرى كۈچەيگەن. 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان خادا تاش ئارالغا يېقىن جايلاردا يۈز بەرگەن بىر قاتار توقۇنۇشلار خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋەتكەن.

خىتاي ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي فىرونت قوماندانلىق ئىشتابى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتتا، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنماستىن «رايوننىڭ ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە كىرىزىس نۇقتىلىرىنى پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھەربىي پائالىيەتلەرنىڭ كۆزىتىش ئاستىدا» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاي رايوندا ھەرقانداق ھەرىكەتنى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان ۋە بۇندىن كېيىن چارلاش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۆت دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى 7-ئاپرېل ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا، جەنۇبىي دېڭىزدا قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى، دېڭىز ۋە ھاۋا سەپەرلىرى قىلىش ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ «غەربىي فىلىپپىن دېڭىزى» دەپ ئاتىلىدىغان جەنۇبىي دېڭىزنىڭ شىمالىدا، يەنى خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدا ئىگىلىك ھوقۇق ماجىراسىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ۋە يېقىنقى كۈنلەردە ئىككى دۆلەت دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتلىرىنىڭ بىر-بىرىگە سوقۇلۇش دەرىجىسىگىچە يېتىپ بارغان جىددىيچىلىكلەر يۈز بەرگەن رايوندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

ئۇندىن باشقا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن، فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ماركوس ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدامۇ 11-ئاپرېل ئاقسارايدا ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1103 قېتىم كۆرۈلدى
09/04/2024 18:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق