خىتايغا قارشى ياپونىيەنى AUKUS قا ئەزا قىلىش پىلانلانماقتا

خىتاينىڭ رايوندىكى زومىگەرلىك قىلمىشلىرىغا قارشى ياپونىيەنى ئاۋكۇس كېلىشىمىگە ئەزا قىلىش پىلانلانماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، 6-ئاپرېل ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيەدىن تەشكىللەنگەن ئىتتىپاقى يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىدىغان سۆھبەتنى باشلىغان بولۇپ، ئامېرىكا ياپونىيەنى خىتاينىڭ رايوندىكى تەھدىتىگە قارشى AUKUS  قا ئەزا قىلىشقا ھەرىكەت قىلماقتىكەن.

«پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە،AUKUS  قا ئەزا ئۈچ دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى 8-ئاپرېل « AUKUSئىككىنچى ئاساسىي باسقۇچ» ناملىق پىلانغا مۇناسىۋەتلىك كېڭەيتىش سۆھبىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ پىلان دېڭىز ئاستى ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە،AUKUS  كېڭىشى «ئىككى ئاساسىي باسقۇچ» دىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچ ئاۋسترالىيەنى «ۋىرگىنىيە» دەرىجىلىك يادرو ئېنېرگىيەلىك ھۇجۇمچى سۇ ئاستى پاراخوتى بىلەن تەمىنلەش، ئىككىنچى ئاساسىي باسقۇچ بولسا ئىلغار ئىقتىدارلىق تېخنىكا تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە سۈنئىي ئىدراك، كىۋانت تېخنىكىسى، تور ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئاۋاز سۈرئىتىدىن يۇقىرى ئىقتىدار ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش قاتارلىق مۇھىم تېخنىكىلارنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىي ئىشلاردا قوللىنىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ئەنگلىيە 2021-يىلى ھاسىل قىلغان AUKUS  كېلىشىمى خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى زومىگەرلىك ۋە يولسىزلىقلىرىغا قارشى تۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. خىتاي ئۆز ۋاقتىدا AUKUS  تۈرىنى قانۇنسىز يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتى، دەپ ئەيىبلىگەن ۋە بۇ تۈرنىڭ رايوندا قورال-ياراغ رىقابىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىغانىدى.

خىتاينىڭ يېقىنقى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ياپونىيەنىڭ AUKUS قا رەسمىي قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «AUKUS»نى «JAUKUS» قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1192 قېتىم كۆرۈلدى
09/04/2024 18:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق