نىكاراگۇئا گېرمانىيەنى ئىسرائىلىيەگە ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ خەلقئارا سوتقا ئەرز قىلدى

نىكاراگۇئا گېرمانىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشتا ئىسرائىلىيەنى ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن قوللىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىگە ياردەم بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گېرمانىيە ئۈستىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرز سۇندى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 8-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى نىكاراگۇئا گېرمانىيە ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزىدە سوتچىلاردىن جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، گېرمانىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنى قورال ۋە باشقا ياردەم بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغان.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى سېباستىيان فىشېر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدىن ئىلگىرى تاراتقۇلارغا: «بىز نىكاراگۇئانىڭ ئەيىبلىشىنى قوبۇل قىلمايمىز» دېگەن.

نىكاراگۇئا خەلقئارا سوتتىن بەش تۈرلۈك ۋاقىتلىق تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ تەدبىرلەرنىڭ بىرىدە: «گېرمانىيە ئىسرائىلىيەگە بېرىۋاتقان ياردەمنى، بولۇپمۇ ھەربىي ئەسلىھە قاتارلىق ياردەملەرنى دەرھال توختىتىشى كېرەك» دېيىلگەن.

نىكاراگۇئا ئەرزدە يەنە خەلقئارا سوتنى گېرمانىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن پاناھلانغۇچىلىرىنى قۇتقۇزۇش خىزمەت ئورگىنىغا (UNRWA) بېرىۋاتقان ياردەم خىراجىتىنى توختىتىش قارارىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نىكاراگۇئا بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى 8-ئاپرېل ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، گېرمانىيە بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

نىكاراگۇئا ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ، 1838-يىلى رەسمىي مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتكە ئايلانغان.

بىر نەچچە ئاي بۇرۇن جەنۇبىي ئافرىقىمۇ ئىسرائىلىيەنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرز قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1483 قېتىم كۆرۈلدى
09/04/2024 18:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق