تۆت دۆلەت خىتايغا قارشى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى

فىلىپپىن، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە خىتايغا قارشى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن بىلەن خىتاي ئارىسىدا كۆپلىگەن ۋەقەلەر يۈز بېرىپ، زىددىيەت كەسكىنلەشكەن بىر پەيتتە، 7-ئاپرېل فىلىپپىن، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن تۇنجى قېتىم بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر تەشكىللىگەن.

بۇ قېتىملىق مانېۋىر سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ئۇرۇش، پاراخوتلار ئالاقىسى، سەپ تۈزۈپ يۈرۈش مەشىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تۆت دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە ھەرىكەت ئىقتىدارىنى، شۇنداقلا ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنى قوللاش ئورتاق ۋەدىسىنى نامايان قىلغان.

بۇنىڭغا قارشى خىتاي جەنۇب ئۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى جەنۇبىي دېڭىزدا ھاۋا ۋە دېڭىز بىرلەشمە جەڭ چارلىشى ئورۇنلاشتۇرغان. خىتاي ئېلان قىلغان ئۇچۇردا چارلاشنىڭ كۆلىمى ياكى ئورنى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن. خىتاي ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئاخبارات ئۇچۇرىدا: «جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان ۋە قىزىق نۇقتىلارنى پەيدا قىلىدىغان بارلىق ھەربىي پائالىيەتلەر كونترول ئاستىدا» دېگەن. خىتاينىڭ بۇ باياناتى شۇ كۈنى تۆت دۆلەت جەنۇبىي دېڭىزدا ئۆتكۈزگەن ھەربىي مانېۋىرنى كۆرسىتىدىكەن.

خىتاي بىلەن فىلىپپىننىڭ جىددىي ۋەزىيىتى كۈنسېرى كۈچەيگەن بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدا بىر قاتار دېڭىز سۈركىلىشلىرى يۈز بەرگەن. ئىككى تەرەپ زېمىن تەلىپى ئۈچۈن رىقابەتلىشىۋاتقان بولۇپ، يىللاردىن بۇيان تارىختا كۆرۈلمىگەن سەۋىيەسىگە يەتكەن. 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تالاش-تارتىشتىكى خادا تاش ئەتراپىدا بىر قاتار ۋەقەلەر يۈز بەرگەن.

خىتاي پۈتكۈل جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەۋا قىلغان بولۇپ، خىتاي پاراخوتلىرى 1000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز تەۋەلىكىگىچە بېرىپ، بۇ رايونلاردا قانۇنلۇق زېمىن ھوقۇقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1720 قېتىم كۆرۈلدى
09/04/2024 18:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق