خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنىڭ «نەتىجىلىرى»نى تەشۋىق قىلماقتا

خىتاي رېجىمى خەلقئارانىڭ بېسىمى ۋە بىر قىسىم جازالارغا قارىماي، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى ئالدىنقى بىر پەسىلدىكى ئاتالمىش «نەتىجىلىرى»نى كۆپلەپ تەشۋىق قىلماقتا.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى بىر پەسىلدە ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قاتنىغان خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 1809 قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.7 ئاشقان، ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىنغان يۈك ساندۇقى 190 مىڭ بولۇپ، 1 مىليون 800 مىڭ توننىدىن ئارتۇق مال توشۇلغان.

ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتىدىغان خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى جەمئىي 118گە يېتىپ، خىتايدىكى 26 ئۆلكىگە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، گېرمانىيە، پولشا، ۋېنگىرىيە قاتارلىق 21 دۆلەتكە بارالايدىكەن. قاچىلانغان ماللار ئاپتوموبىل، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، كىيىم-كېچەك، تۈرلۈك ماللار، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات قاتارلىق 200 خىلدىن ئارتۇق مالغا چېتىلىدىكەن.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەستىقلاپ ئىجرا قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»غا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، مەزكۇر ماللار توسالغۇسىز ھالدا ئاسىيا، ياۋروپا ئەللىرىگە داۋاملىق توشۇلماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىدە بۇ يىل 1-پەسىلدە شەرقىي تۈركىستانغا بارغان ساياھەتچىنىڭ 41 مىليون 13 مىڭغا يەتكەنلىكى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.88 ئاشقانلىقى، بىر پەسىللىك ساياھەت كىرىمىنىڭ 43 مىليارد 744 مىليون يۈەن بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا زور خىراجەت ئاجرىتىپ، شەرقىي تۈركىستاندا كۆپلىگەن ساياھەت نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلغانىدى. بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن غايەت زور كىرىم قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاشقا، خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا جەلپ قىلىشقا ئۇرۇنغانىدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ساياھەتچىلىك ئالاقىدار دوكلاتلاردا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» دەپ سۈپەتلەنگەن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ساياھەت شىركەتلىرى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇلغانىدى.

بۇلاردىن باشقا، تەڭرىتاغ تورىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل تۇنجى پەسىلدە خىتاي ئېنېرگىيە گۇرۇھى ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، خىتايغا توشۇغان كۆمۈر مىقدارى 5 مىليون 32 مىڭ توننىغا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %66.8 ئاشقان ۋە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. يېڭىدىن ياسالغان ۋە ياسىلىۋاتقان تاشيول-تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورت نۇقتىلىرى بۇلاڭ-تالاڭ سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلەشتۈرگەن.

شەرقىي تۈركىستاندىكى غايەت زور تەبىئىي بايلىق ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسى خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتقان بولۇپ، خىتاي رېجىمى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈچەيتىشكە ماس ھالدا، بۇلاڭ-تالاڭ كۆلىمى ۋە سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرماقتا.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 2945 قېتىم كۆرۈلدى
09/04/2024 18:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق