رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى

خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف بىلەن كۆرۈشۈپ، رۇسىيە بىلەن داۋاملىق قويۇق ئالاقىنى ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 9-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېلېن خىتاينى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوللايدىغان ھەر قانداق خىتاي بانكىسى ۋە شىركەتلىرىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ھالبۇكى، زىيارەت ئاخىرلىشىپ بىر كۈندىن كېيىنلا، خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروفنى كۈتۈۋالغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شى جىنپىڭ لاۋروفتىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا سالام يوللىشىنى ئېيتقان ۋە پۇتىن بىلەن داۋاملىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ھەمىشە ئوڭۇشلۇق، مۇقىم ۋە تولۇق تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى، پۇتىن بىلەن تۈزگەن بىر يۈرۈش مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇچرىشىشتا لاۋروف بۇنىڭدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەش ۋە ياخشىلاش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوف سەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈشۈشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما پۇتىننىڭ بېيجىڭ زىيارىتىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنى ئېلان قىلمىغان. پېسكوف بۇ ھەقتىكى سۆزىدە: «رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروفنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىنى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىرى پات ئارىدا ئۇچرىشىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدۇ» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى ئالدىنقى ئايدىكى خەۋىرىدە پۇتىننىڭ 5-ئايدا خىتايغا بېرىپ، شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1507 قېتىم كۆرۈلدى
10/04/2024 21:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق