كانادا ئىستىخبارات ئورگىنى خىتاينىڭ كانادا سايلىمىغا ئارىلاشقانلىقىنى بايقىغان

كانادا ئىستىخبارات ئورگىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق سايلامغا ئارىلاشقانلىقىنى بايقىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادانىڭ دۆلەت ئىچى جاسۇسلۇق ئورگىنى خىتاينىڭ ئالدىنقى ئىككى سايلامغا ئارىلاشقانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپ 8-ئاپرېل رەسمىي تەكشۈرۈش ۋە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. بۇ خىتاينىڭ كانادا سىياسىتىگە ئارىلاشقانلىقى توغرىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىسپات ھېسابلىنىدىكەن.

باش مىنىستىر جاستىن تىرۇدو باشچىلىقىدىكى لىبېراللار پارتىيەسى 2019- ۋە 2021-يىللىرىدىكى ئىككى قېتىملىق سايلامدا غەلىبە قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرى بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، تىرۇدونى چەت ئەلنىڭ سايلامغا ئارىلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇشقا قىستىغان.

بۇ كومىتېت دۈشەنبە كۈنى كانادا بىخەتەرلىك ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ 2023-يىلى 2-ئايدىكى خىزمەت دوكلاتى خۇلاسىسىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، خۇلاسىدە خىتاينىڭ 2019- ۋە 2021-يىلىدىكى سايلامغا يوشۇرۇن ۋە ئالدامچىلىق ۋاستىلىرى بىلەن ئارىلاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن ۋە شۇنداقلا بۇ ئىككى سايلامدىكى چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ ئەمەلىيەت ئىكەنلىكى، ئاساسلىق نۇقتىنىڭ خىتاي رېجىمى قىزىقىدىغان مەسىلىلەردە خىتايپەرەس دەپ قارالغان شەخسلەرنى قوللاش بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.

بۇ ھەقتىكى تەھلىلنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىلگىرىمۇ خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، خىتاي كانادا سىياسىتىگە ئارىلاشقانلىقىنى رەت قىلغان.

2021-يىللىق سايلام مەزگىلىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئېرىن ئونولنىڭ مۆلچەرىچە، خىتاينىڭ ئارىلىشىشى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ پارتىيەسى توققۇز ئورۇندىن قۇرۇق قالغان، ئەمما بۇ ئەھۋال سايلام مۇساپىسىنى ئۆزگەرتەلمىگەن.

كانادا بىخەتەرلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى ئانالىز قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋاسىتىچىلىرىنىڭ كانادانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئارىلىشالايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇنداق ئەھۋاللاردىمۇ ئېغىر قانۇنىي ياكى سىياسىي چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى، شۇڭا كانادانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا سىرتتىن ئارىلىشىشنىڭ خەتىرى ئاز، مۇكاپىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىستىخبارات ئانالىزچىلىرى يەنە تىرۇدو ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى يېتەرلىك ھەرىكەت قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، تىرۇدو چارشەنبە كۈنى كومىتېتتا بۇ توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1823 قېتىم كۆرۈلدى
10/04/2024 21:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق