ئامېرىكا خىتايغا قارشى ئىتتىپاقنى كۈچەيتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن 10-ئاپرېل خىتايغا قارشى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولغان ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا ئۈچۈن كاتتا كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. بايدېن ياپونىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ باھاردىكى نورۇزگۈلىگە ئوخشاش گۈللەپ ياشنىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، فۇمىئو كىشىدانى «يىراقنى كۆرەلەيدىغان جەسۇر رەھبەر» دەپ سۈپەتلىگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بايدېن 10-ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇيان ياپونىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە مۇناسىۋىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئاۋسترالىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاۋا مۇداپىئە ھەمكارلىقىنىڭ كېڭەيگەنلىكىنى، ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بايدېن ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «ئىككى دۆلەت بىرلىكتە مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوماندانلىق ۋە كونترول قۇرۇلمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قاتارلىق مۇھىم تەدبىرلەرنى قوللانماقتا. ئارمىيەمىز ئۆزئارا ماسلىشىپ ۋە كۈچلىرىمىزنى پىلانلاپ، بىر-بىرىگە ماس ھالدا بىرلىكتە ۋە ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلماقتا» دېگەن.

بايدېن باياناتىدا يەنە ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ بىرلەشمە ھاۋا مۇداپىئە تورىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ: «ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە تۇنجى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا تورى ۋە مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىدۇ، ئەمما بۇ ئىتتىپاق پۈتۈنلەي مۇداپىئە خاراكتېرىنى ئالىدۇ» دېگەن.

تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيچىلىك بايدېننىڭ فۇمىئو كىشىدا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىكى مۇھىم تېما بولغان بولۇپ، بايدېن بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ باياناتىدا: «بىز تەيۋەن بوغۇزىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدۇق ۋە ئىككى قىرغاق مەسىلىسىنىڭ تىنچ ھەل قىلىنىشىغا ئىلھام بېرىش مەيدانىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈردۇق» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1638 قېتىم كۆرۈلدى
11/04/2024 20:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق