باشسىز گەۋده

باشسىز گەۋدە

مىركامىل كاشىغەرىي

 

ئاپتوردىن ئىلاۋە: بۇندىن ساق 19 يىل ئىلگىرى يازغان ماقالەمنى ئورتاقلاشقۇم كەلدى. ئەپسۇس شۇنچە كۆپ تېمىلار يېزىلغان ۋە سۆزلەنگەن بولسىمۇ 19 يىل ئىلگىرىكى ئىجتىمائىي ئەھۋالىمىزدا زەررىچىلىك ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى ھەقىقەتەن ئويغا سالدى.

ھەممە ئەتراپى ئېگىز-پەس قۇم بارخانلىرى بىلەن تولغان چۆللۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇرۇپ قالغىنىغا تالاي يىللار بولۇپ كەتكەن بىر نەچچە تۈپ توغراق، توغراقنىڭ يېنىدىكى چوڭقۇرراق يەردە كىمدۇر بىرسىنىڭ باشسىز گەۋدىسى ئوڭدىسىغا تاشلاقلىق تۇراتتى. بەلكىم قاتىل ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئۇنىڭ بوينى بىلەن قوشۇپ كېسىپ تاشلانغان بېشى ھېچ يەردە كۆرۈنمەيتتى. مۈرىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن يۇمىلاق ئورەك ئاجايىپ قورقۇنچلۇق مەنزىرە پەيدا قىلغان بولۇپ، ئەتراپىدا تىتىلغان گۆش ۋه ئۇيۇغان قانلار ساڭگىلاپ تۇراتتى. چۆللۈك ئاسمىنىدا لەيلەپ يۈرگەن بىر قانچە قاغا-قۇزغۇنلار گويا بۇ مەنزىرىنىڭ دەھشىتىگە دەھشەت قوشۇۋاتقاندەك ياكى بۇ نەق ئولجىنى تاماشا قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.

گەرچە مەن ئىلگىرى ھېكايە، چۆچەكلەردە ئاڭلىغان، فىلىملەردە بىر قانچە قېتىم كۆرگەن بولساممۇ، ئەمما باشسىز گەۋدىنىڭ بۇ قەدەر شۈركەندۈرىدىغانلىقىنى تېخى ئەمدىلا ھېس قىلىۋاتقاندەك ئىدىم.

كۆزلىرىم دەرھال سۈرەت ئاستىدىكى ئىلاۋىنى ئوقۇشقا كىرىشتى. گېزىتتە تېپىلغىلى شۇنچە ئۇزۇن بولغان باشسىز گەۋدىنىڭ تېخىچە كىملىكى ئېنىقلانمىغانلىقى ياكى ئۇنىڭغا بىرەر كىشىنىڭ ئىگە چىقمىغانلىقى يېزىلغانىدى.

بۇ زادى كىمدۇ؟

مەنمۇ ئويلانماي تۇرالمىدىم، دېمىسىمۇ، يېنىدا كىملىك گۇۋاھنامىسى بولمىغان ياكى قاراپ بىلەي دېسە، كىملىكى ئىپادىلەيدىغان چىرايى بولمىغان بىر ئادەمنى تونۇش ھەقىقەتەن ئاسان ئىش ئەمەستە.

خىيال كەپتىرىم بىردىنلا سۈرەتتىكى چۆللۈكتىن ئۆتۈپ مىللىتىمىز ئاسمىنىدا، تېخىمۇ توغرىراق قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىرقى باشسىز مىللىي گەۋدىمىز ئۈستىدە ئىختىيارسىز پەرۋاز قىلىشقا باشلىدى.

دەرۋەقە ئىنساننىڭ ئەس-يادى جىسمىنىڭ ئېھتىياجى بىلەنلا بولۇپ كەتكەن چاغلاردا باش ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى يوقىتىدىكەن. بۇنداق قەدىرسىز باشلارنى ياۋلار ئاسانلا يۇلۇپ كېتىدىكەن. ئويلاپ باقسام يېقىنقى بىر قانچە ئەسىرلىك تارىخىمىزدىن بۇيان تالاي قېتىم باشلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قاپتۇق. قانچىلىغان باشلىرىمىزنى ياۋلار يۇلۇپ كەتكەن بولسا، يەنە قانچىلىرىنى ئۆزىمىز ياۋغا يۇلۇپ بېرىپتۇق. ئەس-يادىمىز جىسمانىي ئېھتىياجىمىزدىلا بولغاچقا، باشلىرىمىزنىڭ كېسىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، بىر نەرسە كۆرگەندەك ياكى بىر نەرسە بولغاندەك قىمىرمۇ قىلالماپتۇق.

توغرا، باش بولمىغان جىسىمدا ھارارەت بولمايدۇ، ھارارەت بولمىغان يەردە ھەرىكەتمۇ بولمايدۇ. چۈنكى جىسىمغا ھەرىكەت بەخش ئېتىدىغان ھارارەت ئىماندىن كېلىدۇ. ئەمما جىسىم ئىماننى تونۇمايدۇ، مۇھەببەت ياكى نەپرەتنى بىلمەيدۇ. جىسىم دېگەندە ئاڭ بولمايدۇ، جىسىمنىڭ بىلىدىغىنى پەقەتلا ئېھتىياج، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق. قىسقىسى بىز باشتىنلا بېشىمىزغا ئېتىبارسىز قاراپ كەلدۇق. شۇڭا ئاقىۋەت باشسىز قالدۇق.

بىز قىزىل جاھالەتنىڭ ئاسارىتىگە قالغان بۇ زۇلمەتلىك 56 يىل (يەنى يېرىم ئەسىر) ھەرقانداق بىر مىللەتكە نىسبەتەن مىللىي كىملىك ۋە مىللىي خاسلىقنى يارىتالىشى ئۈچۈن، جۈملىدىن ئىمان بىلەن نۇرلانغان ئۆزگىچە بىر جۇشقۇن چىرايغا سازاۋەر بولالىشى ئۈچۈن خېلىلا يېتەرلىك ئۇزۇن ۋاقىت بولۇپ ھېسابلىناتتى. ئەمما بىز زادى قانچىلىك نەتىجە يارىتالىدۇق؟

بۇ سوئالغا نادامەتلىك ئاھۇزارىمىزدىن باشقا جاۋابنىڭ چىقماسلىقى ھەممىمىزگە ئايان. ئەمەلىيەتتىن ئىلىپ ئېيتقاندا دۇنيا ھېلىمۇ بىزگە «بۇلار زادى قانداق كىشىلەر؟» دېگەن سوئاللىق نەزەردە باقماقتا. بىزنىڭ باشقىلار قاداپ قويغىنىدىن باشقا، ئەنئەنە، ئېتىقادىمىزغا ماس ئۆز بېشىمىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن، دۇنيانى ئەمەس، ھەتتا ئۆزىمىزنىمۇ رازى قىلغۇدەك تۈزۈككىنە جاۋاب تاپالماي ئاۋارە يۈرمەكتىمىز. ئاللاھنى رازى قىلىشتىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.

خېلى ئۇزۇن مەزگىل ۋەتىنىمىزدە دۈشمەنلەرنىڭ بېشىمىز ئورنىغا تەمبۇر بىلەن دۇتارنى قاداپ قويۇپ، «جەڭگىۋار مىللەت» دېگەن ئەسلى نامىمىزنىڭ ئورنىغا «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» (يەنى ئەرلىرى غىلجىڭ، ئاياللىرى پاھىشە، تارىختىن بۇيان ئۇسۇل ئويناپ شاھ، رەئىسلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ كەلگەن نەسلى ھاراملىق مىللەت) دېگەن ھاقارەتلىك قالپاقنى بەرگەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ، دۈشمەنلەرنىڭ غالىبىيەت مەرىكىلىرىدە ھەقسىز ساماغا سەكرەپ، مۇقام توۋلاپ، پۈتۈن دۇنياغا جار سېلىپ يۈردۇق. ئەجدادلىرىمىزنىڭ دۇنيانى تىترەتكەن ئات تۇياقلىرىنىڭ دۈپۈرلەشلىرىنى ئۇنتۇپ، دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ھەتتا ياۋروپادىمۇ ئەخلاقىي نۇقتىدىن كەمسىتىلىدىغان بۇ كەسىپنى بەزىلىرىمىز گويا ئېتىقادقا ئايلاندۇرۇۋېلىشقا باشلىدۇق. «بىز ناخشا ئېيتىپ تۇغۇلۇپ، ناخشا ئېيتىپ ئۆلىدىغان مىللەت» دەپ، ھەتتا قەبرە بېشىدا دۇئا-تىلاۋەتنىڭ ئورنىغا ناخشا ئېيتقۇزغىلى تاسلا قالدۇق. ھەتتا بۇ زورلاپ تېڭىلغان ياسالما كىملىك ئېڭىنى چەت ئەللەرگىمۇ سۆرەپ چىقىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى خىتايغا قارشى سىياسىي پائالىيەتلىرىمىزنىمۇ لايىقىدا سىياسىي ئاڭ بىلەن قىلماي، گويا سەنئەت نومۇرىغا ياكى كېچىلىكىگە ئايلاندۇرمىساق كۆڭلىمىز ئۇنىمايدىغان غەلىتە ماڭقۇرتلارچە ئوبرازىمىز خىتاينى بولۇشىغا تېلىقتۇرۇپ، دۇنيا سەھنىسىدە تەتۈر ئىنكاس پەيدا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مىللىتىمىزنىڭ جان تومۇرى بولغان مۆھتەرەم ئانىلىرىمىزنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئىچكىرىگە يۆتكىلىپ، ئىپپەت بازارلىرىدا مەجبۇرىي ئېلىم-سېتىم قىلىنىشىغا قانۇنلۇق يول ئېچىش بىلەن نەتىجىلەندى.

توغرا، بۇ تېخى قىسمىتىمىزدىكى تەتۈرلۈكنىڭ ئىنتىھاسى ئەمەس، بەلكى ئىپتىداسى ئىدى. شۇڭلاشقا دۈشمەنلەرنىڭ سۇيىقەستلىك پەدىسىگە غېجەك چېلىۋاتقان باشسىز گەۋدىمىزدىكى ئاڭسىز قوللىرىمىزغا دەرھال ھەرە تۇتقۇزۇلۇپ، ھەققانىي مۇجادىلىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەرىكەتچان گەۋدىمىزنى پارچىلاشنىڭ يېڭى تىراگېدىيەسى باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن خىلى بىر مەزگىل «گۈرۈچتىن خەۋەر يوق، پولۇ دەم يەپتۇ» دېگەندەك بېشىمىزدىن خەۋەر يوق، ئۇنىڭغا كىيدۈرىدىغان دوپپا، سەللە، پاگونلۇق شەپكىلەرنىڭ جېدىلىنى قىلىپ، ئۆزئارا ياقا سىقىشىپ، گەۋدىمىزگە ھەرە سۈرۈشنى باشلىۋەتتۇق. شۇنداق قىلىپ شەكلى ئۆزگەرگەن يېڭىچە مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ كونا ئۆڭكۈرىگە قايتىدىن باشسىزلا دومىلاپ چۈشتۇق. بۇنى كۆرگەن دۈشمەننىڭ ئۇزۇندىن بېرى پوكۇلداپ تۇرغان يۈرىكى جايىغا چۈشۈپ، ئەسلىدە ئۆزىنىڭ بېشىغا كىيىلىش ئالدىدا تۇرغان «تېررورلۇق» قالپىقىنى دەرھال يوق بېشىمىزغا كىيدۈرۈشنىڭ خۇپىيانە ھازىرلىقىنى باشلىۋەتتى ھەمدە چەت ئەلدىكى گەۋدىمىزگە سىياسىي جەھەتتە دۆلەت ھالقىپ ھۇجۇم خاراكتېرلىك نەشتەر ئۇرۇشقا پېتىنالىدى. بىزنىڭ پۈتۈن ئەس-يادىمىز قالپاقچىلىق قىلىشقىلا مەركەزلىشىپ قالغان بولغاچقا، چەت ئەللەردىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركەزلىرى، سىياسىي جۇغراپىيە ۋە سىياسىي ئىستراتېگىيە تەتقىقات تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ياكى شۇنداق تەتقىقات مەركەزلىرىنى ئۆز ئالدىمىزغا قۇرۇپ چىقىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىچكى، تاشقى سىياسىتىگە ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىشتەك مۇھىم ۋەزىپىمىز تاشلىنىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى پايدىلىق تەييار سىياسىي شارائىتىمىزنى ۋە ئاخبارات ساھەسىدىكى يوللۇق داۋا بولۇشتىن ئىبارەت سىياسىي ئەۋزەللىكىمىزنى ئاستا-ئاستا دۈشمەنگە تارتقۇزۇپ قويۇشقا باشلىدۇق. نەتىجىدە دۈشمەنگە نىسبەتەن ھۇجۇمدا تۇرۇۋاتقان سىياسىي ئەۋزەللىكىمىز بىردىنلا مۇداپىئە ھالىتىگە ئۆتۈپ قالدى، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى يەنە شۇ باشسىزلىقىمىز ۋە ئۇيۇشالماسلىقىمىزدىن بولدى.

ئەجەبا، ئىختىلاپ ئورنىغا ئىتتىپاقلىقنى بەرپا قىلىشىمىز ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن ئەڭ دەسلىپىدە ئەتراپتىكى يەھۇدىي، خىرىستىيان، بۇددىست قاتارلىق غەيرى دىندىكى قەبىلىلەر بىلەن «ئۆزئارا قارشىلاشماسلىق»، «ھەربىي ھەمكارلىق»، «بىتەرەپ بولۇش» قاتارلىق كېلىشىملەرنى تۈزگەنلىكى بىزگە نىسبەتەن ئېتىقادىي جەھەتتىن ئاساس، ئىنقىلابىي جەھەتتىن مەشئەل بولالماسمىدى؟[1]

«ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى يازما دۆلەت ئاساسىي قانۇنى» دېيىلىپ، پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلىۋاتقان (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۈزگەن) «مەدىنە ئەھدىنامىسى» بىزنى قايىل قىلالماسمىدى؟ [2]

غايە بىلەن پائالىيەت، ئېھتىياج بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق تەڭشىگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ھېكمەتلىك سۈننىتى بىزنى ئورتاق نىشان ئۈچۈن بىردەك ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ئۆرنەك بولالماسمىدى؟ ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇسۇلمانلىقنىڭ ئورتاق دەۋاگەرلىرىغۇ؟

دەرۋەقە، ئېتىقادىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلمىگەن كۈرەشتە ھەر ئىككى دۇنيالىق غەلىبىنىڭ ھەرگىز مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەنلەر ئارىمىزدىن چىققاندەك قىلسىمۇ، ئەمما زامان بىلەن ماكانغا يۇقىرىقى سۈننەت بويىچە مۇناسىپ پوزىتسىيە تۇتالايدىغان ھەقىقىي بىر رەھنەما باش چىقمىغانىدى. شۇڭا ئاللاھنىڭ مۆجىزىسى ھەم ئۆزگەرمەس تەبىئەت قانۇنىيىتى بولغان «مىللىي مۇھەببەت» بىلەن شەيتاننىڭ مىكرى بولغان «مىللىي ئەسەبىيەت» بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلدى. ئارىمىزدىن «ئىسلامدا مەنئى قىلىنىدىغان مىللىي ئەسەبىيەت ئۆز قەۋمىنىڭ ۋە ئۆز ۋەتىنىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىككىنچى بىر مۇسۇلمان قەۋمنى ۋە ئىككىنچى بىر مۇسۇلمانلار ۋەتىنىنى زىيانغا ئۇچرىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما بىزنىڭ ھۆرلۈكىمىز دۇنيادىكى ھېچقايسى مۇسۇلمان قەۋمنىڭ پايدا-مەنپەئەتىگە تاقاشمايدۇ، بەلكى شەرەپ كەلتۈرىدۇ. شۇڭا بىزگە مىللەتچى، ۋەتەنپەرەس، ئىسلامچى دېگەن قالپاقلارنى كىيدۈرۈشكە قەتئىي بولمايدۇ» دەپ مەردانە جاكارلىيالايدىغان ئاڭلىق رەھبەرلەر چىقمىغانىدى.

1947-يىللىرى مىسىردىمۇ «مىللەتچى، ۋەتەنپەرەس، ئىسلامچى» دېگەن پىتنە باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىندىكى تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىۋاتقان خەلق مۇجاھىدلار سېپىنى پارچىلاشنىڭ تىراگېدىيەسى باشلانغاندا، ئۇستاز ھەسەنۇل بەننا (ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن) «مىللەتچىلىكنىڭ مەقسىتى مۇسۇلمان مىللەتنى كۇففارلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇشلا بولىدىكەن، ئۇمۇ ئوخشاشلا جىھاد. ۋەتەنپەرەسلىكنىڭ مەقسىتى مۇسۇلمانلارنىڭ جانىجان ۋەتىنىنى كۇففارلارنىڭ ئايان ئاستى قىلىشىدىن قۇتۇلدۇرۇشلا بولىدىكەن، ئۇمۇ ئوخشاشلا جىھاد»[3] دېگەن ھېكمەتلىك جاۋابنى دەرھال ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، مۇجاھىدلارنىڭ بىرلىكى ھەم جەڭگىۋارلىقىنى ساقلاپ قىلىشقا، جۈملىدىن يەھۇدىيلارنىڭ رەزىل شۇملۇقنى ئىشقا ئاشۇرماسلىققا ئۈنۈملۈك تىرىشقان ئىكەن.

ئەمما بىزدە ئۇنداق ئالدىن كۆرەر، دانا پىكىرلىك داھىيلار چىقمىغانىدى. مانا ئەمدىلىكتە بولسا، ھەممىمىز دېگۈدەك نۆۋەتتىكى پارچىلانغان مىللىي گەۋدىمىزگە ھارارەت ۋە ھەرىكەت بەخش ئېتەلەيدىغان بىر باشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمىز. ئەمما يەنە بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز تېخىچە قالپاقچىلىقنىڭ غېمىدىن ئۆزىنى ئازاد قىلالماي، بىھۇدە ھۈرپىيىپ يۈرمەكتە. ئەجەبا ئۇلار باشسىز جىسىمدا ھەرىكەت بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئەقەللى ساۋاتتىنمۇ مەھرۇممىدۇ؟!

قېرىنداشلىرىمغا تەۋسىيەم شۇكى، بەس، يېتەر. ئەمدى قىلمىشىمىزدىن ساۋاق ئالايلى. ھەممىمىز ھەر ياندىن باش چىقىرىپ، يەتتە باشلىق يالماۋۇزغا ئايلىنىۋالماي، پەقەت بىرلا باش چىقىرىپ، ھەقىقىي ئىنسانغا ئايلىنىشنىڭ غېمىنى قىلايلى! شۇنىسى ئېنىقكى، باش دېگەن بىر يەردىن ئىزدەپ، قادىۋالغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس، ھەم دەماللىققا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ئىمان مەھدىنىڭ چىقىپ قىلىشىمۇ ناتايىن. ئەمما بىز ئىدىيەمىزنى ئەيىب تېپىشقا ئەمەس، ئەيىب يېپىشقا، دوست بىلەن ئەمەس، دۈشمەن بىلەن كۈرەش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرەلىسەك، ھەممىمىز ئۆزىمىزنى دەڭسەپ «قولۇمدىن نېمە ئىش كېلىدۇ؟ دوستقا قانچىلىك پايدا، دۈشمەنگە قانچىلىك زىيان سالالايمەن؟» دېگەن ئۆلچەم بويىچە خىزمەت قىلىشنىلا مەقسەت ھەم نىشان قىلالىساق، تەبىئىي ھالدا بىر باشنىڭ رەھبەرلىكىگە ئۇيۇشقاندەك بولىمىز. مانا بۇ بىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئالىي مەرتىۋىگە ئىگە قىلىدىغان، جۈملىدىن نۇرلۇق چىرايغا سازاۋەر قىلىدىغان بىردىنبىر توغرا يول بولۇپ قالىدۇ.

بۇ يەردە مىسال ئۈچۈن شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە بولىدۇكى، مەلۇم بىر قېرىندىشىمىز دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ قىلىپ سوراق قىلىنغاندا، ئۇلارنىڭ «تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ ئاقىۋەت تۇخۇمنىڭ چېقىلغىنى چېقىلغان» دېگەن كۆرەڭلەشلىرىگە: «شۇنداق، گەرچە تۇخۇم چېقىلىپ كەتسىمۇ، تاشنى شالتاق قىلغىنى قىلغان» دەپ مەردانە جاۋاب قايتۇرۇش ئارقىلىق، ھەرقانداق بىر ئۇيغۇردا بولۇشقا تېگىشلىك ئۆتكۈر دۈشمەن قارىشىنى ئىپادىلەپ بەرگەنىكەن.

بىز بۇ سۆزدىن ئۆزىمىزگە نىسبەتەن خىزمەت قىلىشتىكى ئەڭ ئەقەللىي نىشاننى بېكىتىۋالالايمىز. شۇنىسى ئېنىقكى، ئىنقىلاب دېگەن قارشىلىق بىلدۈرۈشنىڭ نەرە، چۇقانى ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە ئۈنۈملۈك پائالىيەتنىڭ ئۈزۈلمەس دولقۇنى. شۇڭا ئاي شارىغا چىقىۋېلىپ، پۈتكۈل يەر شارىغا بايراق تىكلەشنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۈستىمىزگە ئېلىۋالماي، يەر شارىدا تۇرۇپ، ئاددىي بولسىمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلايلى! تىغنى بىر بىرىمىزگە ئەمەس، ئىشالىيەتچى خىتايغىلا ئۇرايلى!

ھەدىستە بايان قىلىنىشىچە، بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دۇنيادا ئاشۇنداق ئادەمدىنمۇ ئارتۇق ھاماقەت بولمايدۇ» دېگەن. ساھابىلەر: «قانداق ئادەمدىن، يا رەسۇلۇللاھ؟» دەپ سورىغاندا، «ئوتۇن كەسكىلى جاڭگالغا بارغان، كەسكەن ئوتۇنلىرىنى كۆتۈرەلمىگەنسېرى، ئوتۇننىڭ ئۈستىگە ئوتۇن ئارتقان» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئاللاھ بىزنى ئەنە شۇنداق ھاماقەتلەر قاتارىدا بولۇپ قىلىشتىن ساقلىغاي، ئامىن.

**** **** ***** *******

[1] ئەينى چاغدا گەرچە مۇسۇلمانلارنىڭ جۇغراپىيەلىك تېررىتورىيەسى مەدىنىدىن ھالقىمىغان بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي تېررىتورىيەسى شۇ قېتىمقى كېلىشىملەرنىڭ خاسىيىتى بىلەن ھەتتا مەككىنىڭ دەرۋازىسىغىچە كېڭەيگەن، سىياسىي نۇقتىدىن مەككىدە كىشنىگەن ئاتنىڭ ئاۋازىنى مەدىنىدە ئولتۇرۇپ ئاڭلىيالايدىغان دەرىجىگە يەتكەن.

[2] بۇ ئەھدىنامىگە يەھۇدىي، خىرىستىيان ۋە باشقا ھەر قايسى غەيرىي دىندىكى قەبىلىلەر ۋەكىللىرىدىن جەمئىي 44 كىشىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان ھەمدە مۇشۇ ئەھدىنامە ئاساسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن مەدىنىدە تۇنجى ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلغان.

[3] دوكتور يۇسۇف قەرزاۋىنىڭ «مۇسۇلمان قېرىنداشلار پارتىيەسىنىڭ ياشلارنى تەربىيەلەش تۈزۈلمىسى» دېگەن كىتابىنىڭ «ۋەتەنپەرەسلىك ۋە مىللەتچىلىك مەسىلىسى» دېگەن پارچىدىن ئېلىندى.

 

 

2005-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى

بۇ خەۋەر 988 قېتىم كۆرۈلدى
11/05/2024 23:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق