ب د ت ئەمەلدارى: دۆلەتلەر خىتايغا جازا يۈرگۈزۈشنى توختىتىشى كېرەك

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئەمەلدارى ما شىڭرۈي، قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەمەلدارىنى كۈتۈۋالغاندا، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىنكار قىلغان بولۇپ، ب د ت ئەمەلدارى باياناتىدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا جازا يۈرگۈزۈشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى دەۋا قىلدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 19-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يېقىندا شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە بارغان ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشىنىڭ «يەككە تەرەپلىك مەجبۇرلاش تەدبىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىش مەسىلىسى» ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئالىنا دۇھان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

ما شىڭرۈي خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، جۈملىدىن ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشقا، ب د ت  ئەمەلدارىنى ئالداشقا ئۇرۇنغان.

ئۇ سۆزىدە: «ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش بىزنىڭ بوشاشماس ئىنتىلىشىمىز. ئامېرىكا پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى، دەپ خالىغانچە بوھتان چاپلىدى ھەم ئاتالمىش شىنجاڭدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، خىتاي كارخانىلىرى ۋە خادىملىرىغا قارىتا قانۇنسىز چەكلىمە يۈرگۈزدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھېچقانداق پاكىت ئاساسى يوق... شىنجاڭ پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلگەن جاي. شىنجاڭغا دائىم كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىڭلارنى، كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز» دەپ بىلجىرلىغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي ئالىنا دۇھان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى، شىخو، سانجى، خوتەن قاتارلىق شەھەر-ۋىلايەتلىرىدە كۆز بويامچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلانغان ئالاقىدار كارخانىلارنى زىيارەت قىلدۇرغان؛ خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئالاقىدار تارماقلار، مۇتەخەسسىسلەر، كارخانا خىزمەتچىلىرى، ئىشچىلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ئورۇنلاشتۇرغىنى بويىچە خىتاينىڭ تېررور سىياسىتىنى ماختىغان.

ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ما شىڭرۈي بۇ يىل 7-مارت خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خىتاي سىياسىي مەسلىھەت يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «شىنجاڭدا ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش مۇقەررەر يۈزلىنىش» دەپ بىلجىرلىغانىدى.

ب د ت نىڭ ئورگان تور بېتىدىكى خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئالىنا دۇھان يەنە بېيجىڭ، شېنجېنغىمۇ بارغان بولۇپ، 12 كۈنلۈك زىيارىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايغا قاراتقان يەككە تەرەپلىك جازالارنى بىكار قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان. ب د ت نىڭ مەزكۇر ئەمەلدارى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىر نەچچە يىلدىن بېرى خىتاي شىركەتلىرى ۋە شەخسلەرگە جازا يۈرگۈزۈشى سەۋەبلىك، يەرشارىۋى بازارنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، ئىشسىزلىق كېلىپ چىققانلىقىنى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەتقىقات ئورگانلىرى ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش تۈرلىرىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىنى، يەككە تەرەپلىك جازا يۈرگۈزۈشنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىغان.

بېلارۇسىيەلىك تەتقىقاتچى ئالىنا دۇھان 2020-يىلى 3-ئايدىن بۇيان ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشىنىڭ يەككە تەرەپلىك مەجبۇرلاش تەدبىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىش مەسىلىسى ئالاھىدە دوكلاتچىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىپ كەلگەن.

پايدا ئالمايدىغان خەلقئارالىق ئورگان «ب د ت كۆزىتىش تەشكىلاتى» 2022-يىلى 18-ماي ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ب د ت نىڭ مۇستەقىل مۇتەخەسسىسى ۋە ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئالېنا دوھاننىڭ سەتچىلىكىنى ئاشكارىلغانىدى. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئالېنا دوھان 2021-يىلى خىتاي رېجىمىدىن 200 مىڭ دوللار قوبۇل قىلغان ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىغا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشىغا ماسلىشىپ بەرگەن. ئۇ 2021-يىلى 9-ئايدا يەنە خىتاي تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى يىغىنىغا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ بۇنى تەشۋىقات پۇرسىتى سۈپىتىدە قوللىنىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن.

 

خىتاي يىللاردىن بېرى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش» قاتارلىق تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە. جۈملىدىن ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا. خىتاي يەنە ئالدىن تەييارلانغان يالغان مەيدانلار، ساختا دوكلاتلار ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەت كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ، ئىنسان ھەقلىرى ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆزىنى بويىماقتا.

ئالىنا دۇھان بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتى ھەققىدىكى تەپسىلىي دوكلاتىنى بۇ يىل 9-ئايدا ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشىگە تاپشۇرىدىكەن. ئۇنىڭ خىتايغا ماسلاشقان باياناتى خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى تەرىپىدىن كۆپلەپ خەۋەر قىلىنماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2183 قېتىم كۆرۈلدى
22/05/2024 14:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق