خىتاينىڭ لەيلىمە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى پىلانى ئەندىشە قوزغىماقتا

ئاسىيادىكى دۆلەتلەر خىتاينىڭ لەيلىمە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىغا قارىتا ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 21-ماي خەۋەر قىلىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزغا لەيلىمە يادرو رېئاكتورى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ باشقا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان زىددىيەتنى كۈچەيتىپ، رايون بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا سۈنئىي ياسىۋالغان ئاراللارغا تەخمىنەن 20 لەيلىمە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان.

گەرچە خەلقئارا كېسىم سوتى 2016-يىلى خىتاينىڭ بۇ دەۋاسىنى «قانۇنىي ئاساسى يوق» دەپ رەت قىلغان بولسىمۇ، خىتاي پۈتكۈل جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلماقتا. مالايشىيا، ۋىيېتنام ۋە فىلىپپىنمۇ رايوندىكى بىر قىسىم ئارال زەنجىرى ۋە بەزى دېڭىز تەۋەلىكىگە قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقى تەلىپى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، لەيلىمە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى رايونغا رەسمىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەقدىردە، زېمىن دەۋاسى قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا بىۋاسىتە جەڭ ئېلان قىلدى، دەپ قارايدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2014-يىلدىن باشلاپ سىپراتلى ئارىلىغا تەۋە بىر قىسىم خادا تاشلارنىڭ ئەتراپىنى تولدۇرۇپ، سۈنئىي ئارال ياسىغان. ئارقىدىن سىپراتلى ئارىلىنىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان. فىلىپپىن ۋە مانىلامۇ بۇ ئاراللار توپىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1327 قېتىم كۆرۈلدى
22/05/2024 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق