خىتاي ئامېرىكىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسىغا جازا يۈرگۈزدى

خىتاي ئامېرىكىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى مايك گالاگېرنى تەيۋەننى قوللىغانلىقى سەۋەبلىك جازالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي 21-ماي ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق ئەزاسى مايك گالاگېرنىڭ خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇپ، تەيۋەنگە دوستانە مۇئامىلە قىلغانلىقى سەۋەبلىك، خىتايدىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ خىتايغا كىرىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ بۇ جازالاش تەدبىرى خىتاي كوممۇنىست رېجىمى تەيۋەننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان كۈنى تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىشقا قاتناشقان ئامېرىكىنىڭ ئۈچ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى شىركىتىگە جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىلىقلارغا قاراتقان تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك جازا ھەرىكىتىنىڭ ئىككىنچى قەدىمى ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، 4-ئايدا ئىستېپا بېرىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي كومپارتىيەسى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك گالاگېرغا قارشى تەدبىر قوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ سابىق ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك گالاگېر دائىم خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، خىتاي مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان سۆز ۋە ھەرىكەتلەرنى قىلدى» دېگەنلەرنى دەۋا قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرى ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى تىلغا ئالمىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى 2024-يىلى 1- ۋە 2-نومۇرلۇق ئاتالمىش «ئىشەنچسىز ئورۇنلار تىزىملىكى خىزمەت مېخانىزمى»نى ئېلان قىلىپ، تەيۋەننى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك ئامېرىكا ھەممىباب ئاتوم ئاۋىياتسىيە سىستېمىسى شىركىتى، ھەممىباب دىنامىك قۇرۇقلۇق سىستېمىسى شىركىتى، بوئېڭ مۇداپىئە، ئالەم بوشلۇقى ۋە بىخەتەرلىك گۇرۇھى قاتارلىق شىركەتلەرنى ئىشەنچسىز ئورۇنلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى ۋە بۇ قارار ئارقىلىق مەزكۇر ئۈچ شىركەتنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ئىمپورت-ئېكسپورت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى، خىتايغا يېڭى مەبلەغ سېلىشىنى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ خىتايغا كىرىشىنى چەكلىگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1558 قېتىم كۆرۈلدى
22/05/2024 14:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق