خىتاي تەيۋەن ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

خىتاي تەيۋەننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، تەيۋەن ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى.

ئاۋسترالىيە ABC خەۋەر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى شەرقىي فىرونت قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەن بوغۇزى، تەيۋەن ئارىلىنىڭ شىمالىي، جەنۇبىي ۋە شەرقىي رايونلىرى بىلەن خىتايغا يېقىن يەردىكى كىنمېن، ماتسۇ، ۋۇچى ۋە دوڭيىن ئاراللىرى ئەتراپىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي شەرقىي فىرونت قوماندانلىق ئىشتابى باياناتچىسى لى شى مانېۋىرنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى يولىدىكى ھەرىكەتلەرنى جازالاش ۋە چەت ئەل كۈچلىرىنى تەيۋەن مەسىلىسىگە ئارىلاشماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش»نى نىشان قىلىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، «بىرلەشمە قىلىچ-2024A» ناملىق مەزكۇر ھەربىي مانېۋىر ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، مانېۋىرغا قۇرۇقلۇق، ھاۋا، دېڭىز ۋە راكېتا قىسىملىرىنىڭ قاتنىشىدىكەن. مانېۋىر جەريانىدا، بىرلەشمە دېڭىز-ھاۋا ئۇرۇش تەييارلىقى چارلاش، بىرلەشمە جەڭ مەيدانىنى قولغا كىرگۈزۈپ تىزگىنلەش ۋە نۇقتىلىق نىشانلارغا بىرلىشىپ زەربە بېرىش مەشىقلىرى قىلىنىدىكەن.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، مانېۋىردا چارلاش ماشىنىلىرى دىققىتىنى تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدىكى رايونلارغا مەركەزلەشتۈرىدىكەن. ھەر قايسى قىسىملارنىڭ ھەقىقىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارى ئاراللار زەنجىرى ئىچى-سىرتىدىكى بىرلەشمە ھەرىكەتلەر ئارقىلىق سىناق قىلىنىدىكەن.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «X» ھېسابىدا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ مانېۋىرنى ئەيىبلەپ، تەيۋەن تەرەپنىڭ ئۇرۇش قىلىش كويىدا ئەمەسلىكىنى، ئەمما زۆرۈر بولغاندا ئۇرۇشتىنمۇ قاچمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداشقا بولغان ئىشەنچىمىز كامىل» دېگەن.

بۇ مانېۋىر تەيۋەن ئەتراپىدا قورشاۋ شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى سايلانغان رەھبىرى لەي چىڭدېنىڭ 20-مايدىكى قەسەم بېرىپ، ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن باشلانغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1443 قېتىم كۆرۈلدى
23/05/2024 14:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق