خەلقئارا كۈلتۈر كۈنىدە ئۇيغۇر كۈلتۈرى تونۇشتۇرۇلدى

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار «خەلقئارا كۈلتۈر كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە ئۇيغۇر كۈلتۈرىنى تونۇشتۇردى.

21-ماي ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا «خەلقئارا كۈلتۈر كۈنى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر كۈلتۈرىنى تونۇشتۇردى. پائالىيەتكە 30 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆز كۈلتۈرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن بىنا زالىغا تۈركىيە بايرىقى، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىگە شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىن بايرىقى ئېسىلدى.

مەزكۇر پائالىيەتنى تۈركىيە ئىجتىمائىي ئالاقە مىنىستىرلىقى، ساغلاملىق، كۈلتۈر ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى، شىركەت ئالاقە بۆلۈمى، كارخانا ئالاقە تارماقلىرى, سودا ۋە تاراتقۇلار بۆلۈمى قوللىغان.

ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كۆرگەزمە رايونىغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئېسىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلتۈرىنى، تارىخىنى، ھۈنەر-سەنئەتلىرىنى تونۇشتۇردى. پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىلار ئۇيغۇر كۈلتۈرىنىڭ ئۆزگىچە، رەڭدار، جەلپ قىلارلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يەنە ئاق رەخت تەييارلاپ، زىيارەتچىلەرنى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى تىلەكلىرىنى يېزىشقا ئۈندىدى. ئىشتىراك قىلغۇچىلار «ئىستىقلال، شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك» دېگەندەك تىلەكلىرىنى يېزىشتى. جۈملىدىن ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پىروفېسسور، دوكتور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار «ئىستىقلال» دەپ يازغان بولسا، ئۇنىۋېرسىتېت مۇتىۋەللى ھەيئەت باشلىقى دوكتور ئىسرافىل قۇرۇلاي «شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق» دېگەن تىلەكلىرىنى يېزىپ قالدۇردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1612 قېتىم كۆرۈلدى
23/05/2024 15:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق