ياپونىيە خىتاي باش ئەلچىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ تەيۋەن پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى تەنقىدلەش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ ئىچكى كابىنېت باشلىقى يوشىماسا ھاياشى 22-ماي خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋۇ جياڭخاۋنىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى چەك باسماس سۆزىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋۇ جياڭخاۋ 20-ماي ياپونىيەنىڭ پارتىيە ھالقىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەيۋەن پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى ھەققىدە: «بۇ تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا قوللىغانلىق»، «ئەگەر ياپونىيە خىتاينى پارچىلايدىغان ئۇرۇش ماشىنىسىغا قېتىلسا، ياپون خەلقىنى ئوتقا ئىتتىرگەن بولىدۇ» دەپ جار سالغان.

ياپونىيە يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ نارازىلىقىغا پىسەنت قىلماي، تەيۋەن بىلەن بولغان بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولۇپ، رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ئاللىبۇرۇن ياپونىيە قوغدىنىش قىسمىدىكى بىر ئەمەلدارنى تەيبېيدىكى ئەلچىخانىغا تەڭداش ئورگىنىغا ھەربىي ئەمەلدار سۈپىتىدە ۋەزىپىگە قويغان.

ئۇندىن باشقا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى قوغدىنىش قىسمىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇبىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن بولۇپ، بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى بويىچە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يىراق مۇساپىلىك چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1696 قېتىم كۆرۈلدى
23/05/2024 15:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق