ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەلدىمۇ خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ئەرز سۇنۇلدى

خىتاينىڭ چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارا قولىنى سوزۇپ تەھدىت سېلىش، پاراكەندە قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرى ھەققىدە سوتقا ئەرز سۇنۇلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيەگە جايلاشقان ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ 22-ماي خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى باستۇرۇشلىرى ھەققىدە سوتقا ئەرز سۇنغان بولۇپ، فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ تەھدىت، پاراكەندىچىلىك سېلىشىغا، باستۇرۇشىغا دۇچ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئەرزدە شى جىنپىڭنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا فىرانسىيەگە قىلغان زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار قارىتىلغان تەھدىتنىڭ كۈچەيگەنلىكى، فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قوللايدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى قورقۇتۇش،  پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە قايتا-قايتا تەھدىت سېلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ قولى بار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، شۇنداقلا بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى، كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ھالدا تېخىمۇ سىستېمىلاشقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى يەنە فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، پاراكەندە قىلىشتەك ھەرىكەتلەرنى خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەشكىللىدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەھدىت ۋە قورقۇتۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

فىرانسىيەدە سىياسىي پاناھلىق ئاستىدا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى گۈلباھار خانىم يېقىندا خىتايلارنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچرىغان بولۇپ، 9-ماي بىر گۇرۇپپا خىتاي گۈلباھار خانىمنىڭ پارىژدىكى تۇرالغۇسىنى تېپىپ بېرىپ، ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باسقان. گۈلباھار خانىم قارشى تەرەپتىكى بىنادا ئولتۇرىدىغان دوستىنىڭ خەۋەردار قىلىشى ۋە  ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن بىنادىن چىقمىغان. ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، مەزكۇر توققۇز خىتاينى (يەتتە ئەر ۋە ئىككى ئايال) سوراق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەتكەن. بۇ ۋەقە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق ياۋروپا سەپىرى فىرانسىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئۇدۇللاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئۇنىڭ زىيارىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەنىدى. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېين مەزكۇر ئۇچرىشىشتا شى جىنپىڭنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن بولغان قويۇق ھەمكارلىقتىن ۋاز كېچىشكە قايىل قىلماقچى بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1518 قېتىم كۆرۈلدى
24/05/2024 14:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق