خىتاي ساياھەتچىنىڭ بايانلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى

شەرقىي تۈركىستانغا بارغان بىر خىتاي ساياھەتچىنىڭ بايانلىرى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان قاتتىق نازارەت قىلىپ باستۇرۇش، ھەرخىل باھانىلەر بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ «خەلق بەخت ئىچىدە ياشىماقتا» دېگەن تەشۋىقاتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

21-ماي بىر خىتاي ساياھەتچى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا بىر سىن تارقاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيە تەۋەلىكىدە جايلاشقان مەلۇم تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە پونكىت خادىملىرى ئۇنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئارقا كوزۇپىنى ئېچىپ ئىنچىكىلەپ ئاقتۇرغان بولۇپ، ساياھەت جەريانىدا ئىشلىتىدىغان كۆكتات، مېۋە كېسىدىغان كىچىك پىچاق ۋە بىر گاز قۇتىسىنى تاپقان ھەمدە بۇ نەرسىلەرنى سۈرەتكە تارتىپ، يۇقىرىغا يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئىچىدىكى چوڭراق پىچاقنى مۇسادىرە قىلغان. پونكىت خادىمى بۇ خىل پىچاقلارنىڭ رايوندا چەكلەنگەن ئەسۋابلار قاتارىدا ئىكەنلىكىنى، تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان پىچاق، قىڭراق، ھەتتا قايچىلارغا لازېر نۇر بىلەن ئىشلەتكۈچىنىڭ كىملىك نومۇرى ۋە ئىككىلىك كودى كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى، بۇ تىغلىق ئەسۋابلارنى سېتىۋېلىپ يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىغا دوكلات قىلىشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا مۇسادىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاخىرىدا پونكىت خادىملىرى ساياھەتچىدىن يېنىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى (دىرون) بار-يوقلۇقىنى سورىغان بولۇپ، ساياھەتچى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. پونكىت خادىملىرى ساياھەتچىگە يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭ»نىڭ چېگرا رايونى ئىكەنلىكىنى، بۇ رايوننىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىكى ھاۋا بوشلۇقىنىڭ ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى، يېنىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بار كىشىلەرنىڭ يەرلىك ئورۇنلارغا چوقۇم ئالدىن مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خىل قاتتىق تۈزۈمدىن ھەيران قالغان خىتاي ساياھەتچى «بىزنىڭ ئۆلكىلەردە نەدە بۇنداق ئىشلار بار؟» دەپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە باشقىچە، خىتايغا باشقىچە مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىدەك ئىرقچىلىق تېررور سىياسىتىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتنىڭ ئالدىنقى يىللارغا ئوخشاش داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

نۆۋەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىققا قارشى قوزغىلىشىدىن ياكى ئىنتىقام ئېلىشىدىن قورققان خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۈنەرۋەن، تىجارەتچىلەرنىڭ قايچا، پىچاقلىرىنىڭ ھەممىسىنى زەنجىر بىلەن باغلاشقا مەجبۇرلىغان. بۇ خىل كۆرۈنۈشلەرنى دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ھەرقانداق ئۇيغۇرنى خەتەرلىك تېررورچى ئورنىدا كۆرىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىپادىسى بولماقتا.

بۇندىن ئىلگىرىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېغىر باستۇرۇش، نازارەت ۋە خورلۇق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان سىنلار تارقالغانىدى. مەزكۇر سىنلارنىڭ بىر قىسمىدا ئۇيغۇرلار ئىشلىتىدىغان پىچاق، قىڭراق، ھەتتا قايچىلارغا لازېر نۇر بىلەن كىملىك نومۇرى ۋە ئىككىلىك كودى كىرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان قىڭراقنىڭ مۇقىم بىر ئورۇنغا باغلىۋېتىلىدىغانلىقى، مەيلى دۇكاندا بولسۇن، مەيلى ئۆيدە بولسۇن، بارلىق تىغلىق ئەسۋابلارغا كود بىلەن كىملىك نومۇرى كىرگۈزۈشنىڭ مەجبۇرىي ئىكەنلىكى، تەلەپ بويىچە كود قويۇلمىغان تىغلىق ئەسۋابلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولغانىدى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغانىدى.

خىتاي بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا قاتتىق كونتروللۇقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئاددىي تىغلىق ئەسۋابلارغىمۇ كىملىك نومۇرى، ئىككىلىك كودى كىرگۈزۈپ ئەنگە ئېلىش، مۇقىم بىر ئورۇنغا باغلاشقا مەجبۇرلاشتەك چېكىدىن ئاشقان تېررور سىياسىتىنى داۋاملىق مەجبۇرىي ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئىسپاتلانماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2145 قېتىم كۆرۈلدى
24/05/2024 14:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق