خىتاي يەنە 12 ئامېرىكا شىركىتى ۋە 10 ئەمەلدارىغا جازا ئېلان قىلدى

ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن خىتاي يەنە 12 ئامېرىكا شىركىتى ۋە 10 شىركەت ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 22-ماي ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بەرگەن 12 ھەربىي سانائەت شىركىتى ۋە ئون يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خىتاي ئېلان قىلغان جازا ئامېرىكىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنى رۇسىيەگە ياردەم بەرگەنلىكى بىلەن ئەيىبلەپ جازا يۈرگۈزگەنلىكىدىن ئۆچ ئېلىش دەپ قارالغان بولۇپ، ئاقساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي ئېلان قىلغان جازاغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، جازاغا ئۇچرىغان ئامېرىكا شىركەتلىرى لوكھىد مارتىن شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتى، رېيسېيون شىركىتى ۋە ھەممىباب دىنامىك شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. جازا تەدبىرى بولسا بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى مال-مۈلۈك، ئۆي-مۈلۈك ۋە باشقا مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش ۋە شىركەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ خىتايغا كىرىشىنى چەكلەش قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ جازا 22-مايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكا ھەربىي سانائەت شىركەتلىرىنى جازالىشىنىڭ ئىككى سەۋەبى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مەزگىلىدە رۇسىيەنى ھەربىي، پۇقراۋى قوش ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلىگەن، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بەرگەن خىتاي شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە ئامېرىكىدىن ئۆچ ئېلىش ئىكەن. ئىككىنچى سەۋەب بولسا تەيۋەنگە قورال سېتىشقا چېتىلغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى جازالاش ئىكەن.

بۇ، خىتاي ئىككى كۈن ئىچىدە ئېلان قىلغان ئىككىنچى تۈركۈمدىكى جازا تىزىملىكى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي سودا مىنىستىرلىقى 20-ماي ئاتالمىش «ئىشەنچسىز ئورۇنلار تىزىملىكى خىزمەت مېخانىزمى»نى ئېلان قىلىپ، تەيۋەننى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەشكە چېتىشلىق ئامېرىكا ھەممىباب ئاتوم ئاۋىياتسىيە سىستېمىسى شىركىتى، ھەممىباب دىنامىك قۇرۇقلۇق سىستېمىسى شىركىتى، بوئېڭ مۇداپىئە، ئالەم بوشلۇقى ۋە بىخەتەرلىك گۇرۇھى قاتارلىق شىركەتلەرنى ئىشەنچسىز ئورۇنلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى ۋە بۇ قارار ئارقىلىق مەزكۇر ئۈچ شىركەتنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ئىمپورت-ئېكسپورت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى، خىتايغا يېڭى مەبلەغ سېلىشىنى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ خىتايغا كىرىشىنى چەكلىگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1613 قېتىم كۆرۈلدى
24/05/2024 14:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق