ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى تەيۋەننى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، چېخ ۋە لىتۋانىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر 24-ماي بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، 27-ماي ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يىللىق يىغىنىغا تەيۋەننى قاتناشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

تەيبېيدىكى ئامېرىكا ئىنستىتۇتى باشچىلىقىدا ئېلان قىلىنغان سەككىز ئەلچىخانىنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا: «77-نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە يىغىنى بۇ يىل جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلمەكچى. ئەمما تەيۋەن نۆۋەتتە خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن ئاساسەن چەتكە قېقىلدى. تەيۋەننى كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىش دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سىغدۇرۇشچان روھىنى، ھەممە ئادەم ساغلاملىقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، دېگەن خەلقئارا ساغلاملىق ھەمكارلىقى ۋەدىسىنى ئەڭ ياخشى ئەكس ئەتتۈرىدۇ» دېگەن.

باياناتتا يەنە تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى ئىقتىدارلىق، ئاكتىپ ۋە مەسئۇلىيەتچان ئەزاسى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، 2009-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە دۇنيا سەھىيە يىغىنىغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغانلىقى، تەيۋەننىڭ ئاممىۋى ساغلاملىق تەجرىبىسى، دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە ئىلغار تېخنىكا تەجرىبىسى، شۇنداقلا كۆرۈنەرلىك قابىلىيىتى بارلىقى، دۇنيا سەھىيە يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىلىرىگە ئىنتايىن قىممەتلىك تۆھپىلەرنى قوشالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى 77-نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە يىغىنى 27-مايدىن 1-ئىيۇنغىچە جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، تەيۋەن خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبلىك ئۇزۇن يىلدىن بېرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلماقتا. تەيۋەن خىتاينىڭ قارشىلىقى سەۋەبىدىن كۆپلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن چىقىرىۋېتىلگەن بولۇپ، گەرچە خىتاي ئەزەلدىن تەيۋەننى باشقۇرۇپ باقمىغان ۋە باشقۇرمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان مەزكۇر ئارال دۆلىتىنى خىتاي زېمىنىنىڭ بىر قىسمى، دەپ دەۋا قىلىپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1540 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2024 14:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق