ھىندونېزىيەدىكى «دىنىي زاتلار» يەنە بىر قېتىم خىتاينىڭ قىلتىقىغا دەسسىدى

ھىندونېزىيەدىكى «دىنى زاتلار» ئۆمىكى يەنە بىر قېتىم خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقات قىلتىقىغا دەسسىگەن بولۇپ، خىتاي ھىندونېزىيەنىڭ ئوتتۇرا ياۋا ئۆلكىسى ئىسلام مويسىپىتلار ئۆمىكىنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىپ زىيارەت قىلدۇرغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، 21-مايدىن 22-مايغىچە ھىندونېزىيە ئوتتۇرا ياۋا ئۆلكىسى ئىسلام مويسىپىتلار ئۆمىكىنى ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. ئۆمەك ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان ئاق مەسچىت، سەنئەت ئىنستىتۇتى، ئىسلام ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئورگانلارنى، شۇنداقلا بىر قىسىم شىركەت، مەھەللىلەرنى زىيارەت قىلغان.

زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھىندونېزىيە ئوتتۇرا ياۋا ئۆلكىسى چوڭ مەسچىتىنىڭ رەئىسى ئەھمەد خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ماس ھالدا: «شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېجىل-ئىناق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. قايتىپ بارغاندىن كېيىن بۇ قېتىمقى سەپىرىمدىكى ھەقىقىي تەسىراتلىرىمنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن» دەپ بىلجىرلىغان.

ھالبۇكى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە. جۈملىدىن ئاتالمىش يېڭى قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىپ، 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرغان. بۇ پىلان ھازىرمۇ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى. ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر قاۋاقخانا، چايخانا دېگەندەك باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلدى. ئۇندىن باشقا دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر تولۇق چەكلەنگەن بولۇپ، خەلق ئىسلامدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاندى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي ئىسلام دۇنياسىدىن ھەرخىل ناملار بىلەن ئۆمەك تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالدىن تەييارلانغان چەكلىك ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ دىنىي، مىللىي كىملىكىنىڭ پۈتۈنلەي قوغدالغانلىقىنى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تاشقى دۇنياغا جار سالسا، ئىچكى تەشۋىقاتتا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «دىننى سوتسىيالىزمغا بويسۇندۇرۇش» دېگەندەك سەپسەتىلەر بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلماقتا.

بۇلتۇر 19-ئۆكتەبىردىمۇ ھىندونېزىيەلىك باشقا بىر «دىنىي زاتلار ۋەكىللەر ئۆمىكى» خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا ماسلاشقانىدى ۋە زىيارەتتىن كېيىنكى قالايمىقان بايانلىرى سەۋەبلىك، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2300 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2024 14:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق