تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

يېقىنقى كۈنلەردە تۈركىيەنىڭ بىر قانچە ۋىلايەت، شەھەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى تونۇشتۇرۇلدى.

22-ماي چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتنى چاناققەلئە 18-مارت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت كۇلۇبى ۋە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور نۇرئەھمەد قۇربان تەشكىللىگەن.

پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بۇغدا بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن تەكلىپ قىلىنغان.

دوكتور ئالىمجان بۇغدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، سەۋەبلىرىنى، ئىجرا قىلىنىش شەكلى ۋە ئۇسۇللىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان.

ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندىمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان جەمئىيەتلەرنى، خۇسۇسەن ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرغان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇلئەھەد ئەپەندىنىڭ  تونۇشتۇرۇشىچە، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىختىكى ئاسسىمىلياتسىيە ئەھۋالى، شۇنداق نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش مەقسىتىدە دوكتور ئالىمجان بۇغدا بىلەن ئابدۇلئەھەد ئۇدۇننى تەكلىپ قىلغان. ئابدۇلئەھەد ئەپەندى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىيرەك مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن ئالاقىدار سۈرەتلەرنى پائالىيەت مەيدانىغا ئېلىپ بارغان ۋە مەكتەپ زالغا تىزىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جانلىق تونۇشتۇرغان. پائالىيەت ئاخىرىدا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

ئالىمجان بۇغدا 23-ماي يەنە گەبزە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. پائالىيەت «ياخشىلىقنىڭ كېلەچىكى كۇلۇبى» تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دوكتور ئالىمجان بۇغدا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇرغان.

ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندىم  24-ماي يەنە  تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى (İHH) ياشلار شۆبىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن قارتال ئانادولۇ ئىمام خاتىپ ئوتتۇرا مەكتىپى تەشكىللىگەن «شەرقىي تۈركىستان تونۇشى» ناملىق پائالىيەتكە قاتناشقان ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان مەيدانى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2433 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2024 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق