پاكىستان ئۆلگەن خىتايلارنىڭ ھەر بىرىگە 520 مىڭ دوللار تۆلەم تۆلەيدىغان بولدى

پاكىستان ھۆكۈمىتى پاكىستاندا ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلگەن ھەر بىر خىتاي ئۈچۈن 520 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم تۆلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 25-ماي خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسىدە ئۆلگەن خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا جەمئىي 2 مىليون دوللاردىن ئارتۇق تۆلەم تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىسادىي باشقۇرۇش ئورگىنى بولغان ئىقتىسادنى ماسلاشتۇرۇش كېڭىشى ئالدىنقى ھەپتە چەت ئەللىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا 2 مىليون 880 مىڭ دوللار تۆلەم بېرىشنى تەستىقلىغان بولۇپ، ھەر بىر كىشىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 516 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 3 مىليون 700 مىڭ يۈەن) توغرا كېلىدىكەن.

پاكىستان مالىيە مىنىستىرى مۇھەممەد ئاۋراڭزېب بۇ كومىتېتقا باشچىلىق قىلغان بولۇپ، كومىتېت يەنە پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان پاكىستان پۇقرالىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا 9000 دوللارغا يېقىن تۆلەم بېرىشنى تەستىقلىغان.

بۇ يىل 26-مارت بىر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى ماشىنىسىنى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى توسما قۇرۇلۇشىغا كېتىۋاتقان، خىتاي ئىنژېنېر ۋە ئىشچىلار ئولتۇرغان ماشىنا ئەترىتىگە سوققان بولۇپ، ماشىنىدىكى بەش خىتاي، بىر پاكىستانلىق شوپۇر ئۆلگەنىدى. بۇ، بۇ يىل پاكىستاندىكى خىتاي مەبلەغ سالغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئالاقىدار ئۈچىنچى قېتىملىق ھۇجۇم بولۇپ قالغان. ئۆلگەن بەش خىتاينىڭ تۆتى قۇرۇلۇش ئىشچىسى، بىرى ئىنژېنېر ئىكەن. ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى شاڭلا ناھىيەسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى بىر تاغ يولىدا يۈز بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مىڭلىغان خىتاي يەرلىكتىكى خىتاي مەبلەغ سالغان تۈرلەردە ئىشلەيدىكەن.

ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمدا پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بەلۇجىستان ئۆلكىسىگە جايلاشقان ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پورت شەھىرى نىشانغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي مەزكۇر رايوندىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىگە مىليارد دوللارلاپ مەبلەغ سالغان.

داسۇ رايونىدا ئىلگىرىمۇ ھۇجۇم ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، 2021-يىلى خىتايلار ئولتۇرغان ئاپتوبۇس بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، توققۇز خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 كىشى ئۆلگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1420 قېتىم كۆرۈلدى
27/05/2024 14:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق