شىۋېتسىيەدىكى ئايلىق لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى داۋام قىلماقتا

شىۋېتسىيەدىكى ھەر ئايدا بىر قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم شىۋېتسىيەنىڭ 1905-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە بولغان تارىخى توغرىسىدا لېكسىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.

پائالىيەتنى شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى بىرلىكتە 26-ماي ئورۇنلاشتۇرغان.

بۇ قېتىمقى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىگە شىۋېتسىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە شىۋېتسىيەنىڭ سابىق مائارىپ مىنىستىرى، ئاكادېمىك ئوقۇتقۇچى گۇستاۋ فىرىدولىن قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنغان.

پائالىيەت جەريانىدا فىرىدولىن ئەپەندى «شىۋېتسىيەنىڭ 1905-يىلىدىن 1945- يىلىغىچە بولغان تارىخى، شىۋېتسىيەنىڭ بىرلەشمە پادىشاھلىق دەۋرىدىن كېيىنكى دېموكراتىيەنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى شىۋېتسىيە» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىگەن ۋە ياشلارنىڭ ئالاقىدار سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. لېكسىيە ئاخىرىدا ياشلار گۇستاۋ فىرىدولىن ئەمەپەندىمگە ھەدىيە تەقدىم قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1805 قېتىم كۆرۈلدى
27/05/2024 14:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق