دوكلات: خىتاي تىبەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان

خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تىبەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە سۈرگۈن قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 21-ماي دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تىبەت دېھقان-چارۋىچىلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇزۇن زامان ئولتۇراقلاشقان يېزا-كەنتلەردىن كۆچۈشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ھازىرغىچە كۆچۈشكە مەجبۇرلانغان تىبەتلەر 140 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەن. سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى تىبەتلەرنىڭ بىر يەرگە توپلىشىپ ياشاشتىن ئىبارەت ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە ئەركىنلىكىنى بوغۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى تولۇق كونترول قىلىش ۋە نازارەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ يېڭى دوكلاتىدا، خىتاي تاراتقۇلىرى يېقىنقى يىللاردا ئېلان قىلغان مىڭدىن ئارتۇق ماقالىگە ئاساسەن، 2016-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ پۈتۈن كەنتلەرنى كۆچۈرۈشتەك چېكىدىن ئاشقان ئۇسۇل ئارقىلىق، تىبەت دېھقانلىرى ۋە چارۋىچىلىرىنى كۆچۈشكە مەجبۇرلاپ، يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ئېچىنىشلىق رېئاللىقنى يورۇتۇپ بەرگەن.

دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، 500 كەنتتىن 140 مىڭدىن ئارتۇق تىبەت پۇقراسى باشقا جايلارغا سۈرگۈن قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن جايلار كونا تۇرالغۇسىدىن نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەن.

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ مەزكۇر سۈرگۈن قىلىش پىلانىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، تىبەتلەرگە يۇمشاق، قاتتىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى، ھەر دائىم ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە كىرىمىنى ياخشىلاش»نى باھانە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يۇرتلىرىدىن كۆچۈرۈش، سۈرگۈن قىلىش جىنايىتى تىبەتتىكىدىنمۇ ئېغىر ۋە كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىنىپ كەلمەكتە. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئالدى بىلەن يېزا-كەنتلەردىكى دېھقانلارنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن تېرىلغۇ يەرلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىشكە مەجبۇرلىغان. ئاندىن يەرلىرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشقا شارائىت ھازىرلىغان. ئارقىدىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى يۇقىرى تەمىنات، ياردەملەر بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1473 قېتىم كۆرۈلدى
27/05/2024 14:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق