غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرى داۋاملاشماقتا

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ رافاھ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمى داۋاملىق كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 75 پەلەستىنلىك شېھىت بولغان.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئۇدا 236 كۈندىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرى سەۋەبلىك شېھىت بولغانلارنىڭ 36 مىڭ 171 گە، يارىلانغانلارنىڭ 81 مىڭ 420 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئەشرەف ئەلقۇدرا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ رافاھ شەھىرى ۋە غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى سەھىيە مۇلازىمىتىنى قەستەن ۋەيران قىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى مەۋاسى قاتارلىق بەزى رايونلارنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش بىلەن بىرگە، بۇ رايونلاردا دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق داۋام قىلغان.

ئەشرەف ئەلقۇدرا باياناتىدا يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنى رافاھ شەھىرى ۋە غەززە رايونىنىڭ شىمالىنى كۆچمە دوختۇرخانا، داۋالاش ئەترەتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە، غەززەگە يېقىلغۇ ۋە داۋالاش ياردىمى بېرىش ئۈچۈن بىخەتەر كارىدور ئېچىشقا، ئىسرائىلىيەنىڭ داۋالاش ئەترەتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىغا قاراتقان ھۇجۇم تەھدىتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر مىليوندىن ئارتۇق پەلەستىنلىك پاناھلانغان رافاھ شەھىرى نۆۋەتتە ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەتچى كۈچلىرى مىسىرغا تۇتىشىدىغان رافاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئېلىۋالغان. ئارقىدىن قۇرۇقلۇقتىن شەھەرنىڭ شەرقىگە ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان. ئۇندىن باشقا، پاناھلانغۇچىلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى بومباردىمان قىلىش بىلەن بىرگە، رايوندىكى دوختۇرخانىنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 15612 قېتىم كۆرۈلدى
30/05/2024 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق