شەرقىي تۈركىستاندىن يېڭى چىققان شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقلىرى (7)

شەرقىي تۈركىستاندىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شاھىت خەۋەر بۆلۈمىمىزگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. مەزكۇر خەۋەر «شەرقىي تۈركىستاندىن يېڭى چىققان شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقلىرى» سەرلەۋھەلىك چاتما خەۋەر قاتارىدا بېرىلىدۇ.

مەزكۇر شاھىت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، قورغاستىكى توسۇقلارنى ئېچىۋەتكەنلىكىنى، چېگرا رايوندا چەت ئەلدىن كەلگەن تىجارەتچىلەر كۆپ بولغانلىقتىن، قارىماققا ھەممە ئىش نورمالدەك، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش مەۋجۇت ئەمەستەك كۆرۈنىدىغانلىقىنى، ئەمما ئىچكى جەھەتتە ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن چىڭ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

شاھىتنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە خىتاي قورغاستىكى توسۇقلارنى ئېلىۋەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ جايدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق مائاشىنى توختاتمىغان. خىتاي بۇ ۋاسىتە ئارقىلىق ئۇلارنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا جاسۇسلۇق قىلىشقا ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇلار قوشۇمچە تىجارەت قىلىپ پۇل تېپىش بىلەن بىرگە، خىتاي بەرگەن مائاشىنىمۇ ئالىدىكەن. ئۇلاردا ئايدا بىر-ئىككى قېتىم ئەتراپتىكى ئەھۋاللار ھەققىدە، خۇسۇسەن كىمنىڭ چەت ئەل بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقى، كىمنىڭ چەت ئەلدە تۇغقانلىرى بار، كىم چەت ئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلەشتى... دېگەندەك ئەھۋاللار ھەققىدە خىتايغا دوكلات بېرىدىكەن. قارىماققا ئۇلار ياخشى ئادەمدەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ئۇلاردىن ھېچكىم خىتاينىڭ جاسۇسى دەپ گۇمان قىلمايدىكەن.

شاھىت يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ئىنچىكە تەسۋىرلەپ: «قارىماققا ۋەزىيەت شۇنچە تىنچ، قىرغىنچىلىق يوقتەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما خىتاي ساقچى ئورگانلىرىغا مەخپىي ئىشلەيدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى. مەسىلەن، ئۆز دوستلىرىمنىڭ خىتايغا ئىشلىمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايدىغان بولۇپ قالدىم. ئىچكى ئەھۋال شۇ دەرىجىدە بولۇپ كەتتىكى، خىتاي ھەرخىل ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنى بىر-بىرىگە قارشى خىتايغا ئىشلەيدىغان قىلىۋەتتى. بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋەزىيەت توغرۇلۇق پاراڭلار بولۇپ قالغاندا، ئارىدىكى ئىشەنچ يوقالغان بولغاچقا، ھەممە ئادەم بۇ ھەقتە سۆز قىلىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالدى» دېگەنلەرنى ئاشكارىلىدى.

شاھىت بۇ ھەقتە يەنە: «خىتاي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىۋەتتى. گەپ قىلسام لاگېر، تۈرمىلەرگە سولىۋەتمىسۇن، دېگەندەك ئەندىشە بىلەن ھەممىنى ئىچىگە يۇتۇپ ياشايدىغان، گەپ قىلىشتىن قورقىدىغان بولۇپ كەتتى» دېدى.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش رەزىل مەقسىتىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن بىر قىسىم شەخسلەرنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلىپ، تاشقى كۆرۈنۈشتە شەرقىي تۈركىستاننى ۋەزىيىتىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. ئەمما ئىچكى جەھەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۇرمۇش، سودا، ئوقۇش، ساياھەت قاتارلىق بارلىق ساھەلەردە قاتتىق چەكلەپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5035 قېتىم كۆرۈلدى
31/05/2024 14:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق