ئىستانبۇلنىڭ فەتھى كۈنىدە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

ئىستانبۇل فەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 571 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.

ئىستانبۇل تەرەققىيات ئۇنىۋېرسىتېتى ياشلار گۇرۇپپىسى 29-ماي ئىستانبۇل فەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 571 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «پەلەستىن ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم توختىتىلسۇن» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، پائالىيەتكە ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى تۈركچە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋە رىياسەتچىسى مۇھەممەد ئەلى ئاتايۇرت پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

ئۇ «شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىننىڭ تارىخى» تېمىسىدا توختىلىپ، پەلەستىن ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغالىيەت تارىخى، نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى سېلىشتۇرما تەرىقىسىدە بايان قىلدى ۋە بۇ جەرياندا خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئالاھىدە تونۇشتۇردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 15689 قېتىم كۆرۈلدى
01/06/2024 11:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق