خىتاي بىر قىسىم شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇلاڭ-تالاڭنى كۈچەيتمەكتە

شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى ئىزچىل بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كېلىۋاتقان تارىم نېفىت-تەبىئىي گاز بىرلەشمە چارلاش شىركىتى تۇنجى ھەمكارلىق تەكشۈرۈش قۇدۇقى − «فۇتەن 1-قۇدۇقى»دا بۇرغىلاشنى باشلىغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 30-ماي خەۋەر قىلىشىچە، تارىم نېفىت-تەبىئىي گاز بىرلەشمە چارلاش شىركىتى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، تۇنجى ھەمكارلىق تەكشۈرۈش قۇدۇقى − «فۇتەن 1-قۇدۇقى»دا بۇرغىلاش باشلانغان. قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز يوپۇق ئېچىش ۋە بۇرغىلاشنى باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشقان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، قاغىلىق ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان «فۇتەن 1-قۇدۇقى»نى بۇرغىلاشنىڭ باشلىنىشى ياشىن كۆمۈر قاتلىمى گازى مەبلەغ سېلىش-ئېچىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن خىتاي نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى شىركىتى بىرلىكتە تەشكىللەپ قۇرغان تارىم نېفىت-تەبىئىي گاز بىرلەشمە چارلاش شىركىتىنىڭ رەسمىي تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» بىلەن خىتاي نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى بىلەن قەرەللىك ھالدا ھەمكارلىق يىغىنى ئېچىپ، بۇلاڭ-تالاڭنى تېخىمۇ زورايتىش، نېفىت-تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىش، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھەمكارلىشىپ ئاچىدىغان رايون بۆلىكى قۇرۇم تېغىنىڭ ئالدى تەرىپىگە جايلاشقان، چارلاش كۆلىمى 4498 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شەرقتىن غەربكە قاغىلىق ناھىيەسى، گۇما ناھىيەسىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى پەقەت ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، بۇنچە كۆپ تەبىئىي بايلىقنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى ئىلغار تېخنىكىلار ئارقىلىق زور كۆلەمدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە خىتاي رېجىمى ۋە خىتاي شىركەتلىرى ھەمكارلىشىپ، بۇ تالان–تاراجنىڭ كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5135 قېتىم كۆرۈلدى
01/06/2024 11:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق