ياپونىيەلىك خىتايپەرەس تەتقىقاتچى ئۇيغۇرلار ھەققىدە قالايمىقان بىلجىرلىدى

ياپونىيەلىك خىتايپەرەس تەتقىقاتچى خىتاي ئورۇنلاشتۇرغان يىغىنغا قاتنىشىپ: «شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىجرا قىلىندى، دېگەن گەپ پۈتۈنلەي يالغان» دەپ بىلجىرلىدى.

خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي غەربىي جەنۇب سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاتالمىش «5-نۆۋەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى» 29-ماي مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۆتكۈزۈلگەن. ياپونىيە يوكوخاما دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى تادايوشى مۇراتا مەزكۇر يىغىندا خىتاي ئېلان قىلغان نوپۇس سانلىق مەلۇماتلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلدى، دېيىش پۈتۈنلەي يالغان» دەپ بىلجىرلىغان.

تادايوشى مۇراتا يىغىندا ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇسىغا ئالاقىدار يالغان سانلىق مەلۇماتلارنى تەكرارلىغان. شۇنداقلا خىتاينىڭ دەلىل-ئىسپاتسىز، يالغان تەشۋىقاتىغا ماسلىشىپ، خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى، تەتقىقات ئورگانلىرى ئېلان قىلغان دەلىل-ئىسپاتلىق تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىنى، نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورۇنلىرى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىسپاتلارنى، شۇنداقلا نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر گۇۋاھچىلارنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىنى كۆزگە ئىلماي قالايمىقان جۆيلۈگەن.

خىتايپەرەس تەتقىقاتچى تادايوشى مۇراتا 1946-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ياپونىيەنىڭ يوكوخاما دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق پىروفېسسورى، شۇنداقلا ياپونىيەدىكى تونۇلغان خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ئىكەن. ئۇ ئىلگىرى «ماۋ زېدۇڭنىڭ تەرجىمىھالى» ناملىق كىتابنى ياپونچىغا تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلدۇرغان.

تادايوشى مۇراتا ئىلگىرى كاناگاۋا ۋىلايىتى ياپونىيە-خىتاي دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. ئۇ ھەتتا خىتاي بىلەن ياپونىيە ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان سىنكاكو ئارىلىنىڭ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن. تادايوشى مۇراتا ئىلگىرى خىتاي -ياپونىيە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش نامىدا خىتايدىكى ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. ئۇ يەنە خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا كومپيۇتېر ئىئانە قىلغان ۋە خىتاي مەكتەپلىرىدە قوشۇمچە پىروفېسسور بولغان.

نۆۋەتتە خىتاي ياپونىيەگە قاراتقان ساختا تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، 30-ماي ياپونىيە چۇاڭجيا ئىلمىي جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە بارغان. ئۇلارنى كۈتۈۋالغان خىتاي ئەمەلدارى ما شىڭرۈي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە، ياپونىيە بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىش جەھەتتە چوڭقۇر مەنبەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ بىلجىرلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5788 قېتىم كۆرۈلدى
03/06/2024 13:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق