خاقان فىداننىڭ خىتاي زىيارىتى بىلەن خىتاينىڭ ناخشا-ئۇسۇل پائالىيىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىستانبۇلدا ئورۇنلاشتۇرغان ناخشا-ئۇسسۇل پائالىيىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيەدە قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، 3-ئىيۇندىن 5-ئىيۇنغىچە خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ، بۈگۈن بېيجىڭغا يېتىپ بارغان ۋە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭ بىلەن كۆرۈشكەن.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خاقان فىدان زىيارەت جەريانىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىدىن باشقا يەنە خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى خەن جىڭ شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چىن ۋىنچىڭ بىلەنمۇ كۆرۈشۈشنى پىلانلىغان. ئۇندىن باشقا خاقان فىداننىڭ خىتايدا ياشايدىغان تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىشى كۈنتەرتىپتە بولۇپ، بېيجىڭدىكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن 4-ئىيۇندىن 5-ئىيۇنغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىشى پىلانلانغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇچرىشىشلاردا ئۆزئارا سودىنىڭ تېخىمۇ تەڭپۇڭ ۋە سىجىل قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇشى ھەمدە خىتايدىن تۈركىيەگە بولۇپمۇ يېڭى تېخنىكا ساھەسى بويىچە مەبلەغ سېلىشقا دائىر ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. مىنىستىر فىدان ئۇچرىشىشلىرىدا يەنە نۆۋەتتە ئۇرۇش بولۇۋاتقان ئۇكرائىنا، غەززە ۋە قىزىل دېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر، يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىق تېمىلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن. زىيارەت داۋامىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي ھەق-ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش مەسىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

خاقان فىداننىڭ زىيارىتىدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تۇران بىرلىكىگە سۇنۇش ئۈچۈن تەييارلىغان دوكلاتنى خاقان فىدانغا سۇندى. مەزكۇر مەكتۇپ ئەسلىدە تۇران بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە بېرىش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ تەييارلانغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بايان قىلىنغان. بۇ دوكلات تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانغا خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدىن بۇرۇن يەتكۈزۈلگەن.

ئۇندىن باشقا، كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلارنى ئاپىرىپ، ساختا تەشۋىقاتى ئۈچۈن پايدىلانغان خىتاي تۈركىيەدىمۇ ئاتالمىش «شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل پائالىيىتى» ئورۇنلاشتۇرغان. خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇشقا  ئۇرۇنۇشى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل مەدەنىيىتىنىمۇ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە غەزىپىنى قوزغىدى. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى خىتاينىڭ ناخشا-ئۇسسۇل پائالىيەت تەشكىللىشىگە قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، خىتاي ئۆتكۈزمەكچى بولغان مەزكۇر پائالىيەتكە قارشى ئىكەنلىكىنى، پائالىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا خىتاينىڭ پائالىيىتىگە قارشى نارازىلىق سادالىرى ۋە چاقىرىقلىرىنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە، 2-ئىيۇن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى ناخشا-ئۇسسۇل پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان جامال رەشىت رەي كونسېرت زالى ئالدىدا نامايىش قىلدى. نامايىشتا خىتاي ئۆتكۈزمەكچى بولغان ناخشا-ئۇسسۇل پائالىيىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە تۈركىيە خەلقىنىڭ كۆزىنى بوياش رەزىل مەقسىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكى، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى پاش قىلىندى ھەمدە تۈركىيە خەلقى خىتاينىڭ بۇ خىل ئالدام خالتىسىغا چۈشمەسلىككە چاقىرىلدى.

مەزكۇر نارازىلىق نامايىشىغا يەنە ئالپەرەن ئوجاقلىرى ئەزالىرىغا ئوخشاش يەرلىك خەلقلەردىنمۇ خېلى كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارمۇ خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىق ھەرىكىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي كونسۇلخانىسى مەزكۇر پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىنتايىن كۆپ كۈچ چىقارغان ۋە بىرمۇ بىر كىملىك بىلەن ئېنىقلاپ تۇرۇپ تەكلىپ قىلغان ۋە ئىستانبۇلدىكى بەش نۇقتىغا مەخسۇس ئاپتوبۇس ئورۇنلاشتۇرۇپ، پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان خىتايپەرەس ئۇيغۇرلارنىڭ سانىدىن خىتايلارنىڭ سانى كۆپ ئىكەن. ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىگە مەلۇمات يەتكۈزگەن كىشى ئىستانبۇلدا بۇنچىلىك خىتايلارنىڭ بارلىقىنى تۇنجى قېتىم بۇ زالدا كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇندىن باشقا، خىتايلار قاتتىق تەكشۈرۈش بىلەن تاللاپ تەكلىپ قىلغان كىشىلەرنىڭ سەھنىگە چىقىپ مەزكۇر سەنئەتچىلەر بىلەن كۆرۈشۈشىگىمۇ رۇخسەت قىلىنمىغان.

خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ تۈركىيەدىكى خىتايپەرەس ئۇيغۇرلارنى قەرەللىك ئۆمەك تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرۇش ۋە ئۆزىگە سادىق كىشىلەرنى تەربىيەلەش ھەرىكىتى يەنە داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، 31-ماي بىر ئۆمەك خىتاي كونسۇلخانىسى خادىمى بولغان ياشار ئىسىملىك ئۇيغۇر باشچىلىقىدا يولغا چىققان. ئىككىنچى ئۆمەك ئىستانبۇلدىكى ئاتالمىش «ئۇيغۇر سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سابىرنىڭ كاتىپى ئادىلە ۋەلى باشچىلىقىدا 6-ئىيۇن يولغا چىقىدىكەن.

بۇ خەۋەر 3154 قېتىم كۆرۈلدى
03/06/2024 16:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق